ئامېرىكا ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00


ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تونىي بلىنكېن 2 - مارت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ھەر خىل ئەركىنلىكلەرنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 31 - پەسىللىك قۇرۇلتىيىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك يىغىنى بۇ ئورگان قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىگە بېغىشلانغان. تونىي بلىنكېن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ خىتاينى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەسكىن سۈرۈشتۈرۈشكە ئۈندىگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئادۋوكاتلارنى، دىنىي مۇخلىسلارنى، ئاممىۋى گۇرۇھ رەھبەرلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن، سۆز ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەركىنلىكنىڭ داۋاملىق قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقىدىن ئالاقزادە بولۇۋاتىمىز.

بىز يەنە، خىتاينىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىدىن ياكى ئۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن سوغان كۆمۈر كان ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتىيرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرسۇلا گوتىيرنى تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن تەنقىدلىگەن. ئەمما خىتاينىڭ ھەرىكىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە 2 - قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. يېقىندا ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى توربيون جاگلاند، بۈگۈنكى دۇنيادا ب د ت نىڭ مىللىي دۆلەتلەردىكى كۆپ سانلىق مىللەت ئاز سانلىق مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتەك تۈپ پرىنسىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

جاگلاند خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ: «بىزنىڭ ب د ت نىزامنامىمىز بار، بىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىمىز بار. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، مىللىي دۆلەتلەرنىڭ كۈچ قۇدرىتىنىڭ كونترول قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ مىللىي دۆلەتلەردىكى كۆپ سانلىقنىڭ كۈچى كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مىللىي دۆلەتلەردىكى كۆپ سانلىقلار، خالىغاننى قىلىمەن، دېسە بولمايدۇ. مىللىي دۆلەتلەردىكى كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ ئۇ دۆلەتلەردىكى بارلىق بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

مانا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا تەرتىپىنىڭ مەنتىقى. مېنىڭ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى سەۋەب بۈگۈن بىز كۆڭۈلنى غەش قىلارلىق ئەھۋاللارنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

د ئۇ ق ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمما ب د ت، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەرنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىن ۋە قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنى زىيارەت قىلغاندا د ئۇ ق نىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتىسىيەسىنى شەرھلىدى.

ئۈمىد ئاگاھى: «خىتايغا قارشى ھەر زامان قاتتىق قوللۇق بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. خىتاي شۇنداق بىر دۆلەتكى، بۇلار ھېچبىر زامان يۇمشاق تەۋسىيىنى قوبۇل قىلمايدۇ. نەيرەڭ ئىشلىتىپ، بۇنىڭ ئاستىدىن ئويناپ ئۆتۈشنى ئويلايدىغان بىر دۆلەت.

بۇلارغا قانچە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، قانچە ئۇدۇل دەپ، قانچە بېسىم قىلسا، بۇلارغا شۇنچە تەسىر قىلىدۇ. شۇ چاغدا بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارغا يۇمشاق گەپ قىلىپ، سۈلھى قىلىپ ‹گېپىمىزنى ئاڭلاپ قالارمىكىن› دەپ بۇ شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا، بىز ئۇيغۇرلار 2000 يىلدىن بېرى ئۇلار بىلەن قوشنا ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق، بىز ئۇلارنى ياخشى بىلىمىز، ئۇلارغا بۇ كار قىلمايدۇ.»

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۈمىد ئاگاھى: «ئامېرىكىدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك ۋە كۈچلۈك ئەل بولۇش سۈپىتىدە، خىتاينىڭ ئالدىنى پەقەتلا شۇ توسۇپ قالالايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ مۇنداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا، پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ قارىشى ۋە قىزىقىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

چۈنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينى چۆچۈتىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بولمىسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىز دۇنيا مىقياسىدا، ب د ت سورۇنلىرىدا ھەل قىلىشىمىز ئىنتايىن قىيىن. شۇڭا، بۇنداق مۇھىم ئامېرىكا ئەربابلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭ ھەل بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.» دېدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ سۆزى يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ دەرھال نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي ۋەكىلى بلىنكېننىڭ سۆزىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جىنايەتچىلەرگە چاپان ياپقانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي ۋەكىلى: «خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراتقان تەنقىدىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بەرگەنلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىنى قارىغۇلارچە قارىلىغانلىق. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي بىر قانۇن دۆلىتى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزىدە تىلغا ئالغان ئۇ كىشىلەر خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلغانلار. ب د ت نىزامنامىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر باشقا ئەزا ئەللەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىچكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، دېيىلگەن. ئامېرىكا ۋەكىلى يەنە بىر قېتىم جىنايەتچىلەرگە ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىغا ئاشكارا چاپان ياپتى. بۇ، قانۇننىڭ روھىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، پۈتۈنلۈكىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر» دېدى.

تونىي بلىنكېن سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى سوئال - سوراقسىز تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، چېگرا ۋە قانۇنى تەرتىپكە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بۇ خىل كۈچلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

تونىي بلىنكېن: «يۈزلىگەن خىتاي پۇقراسى تۇتقۇن قىلىندى، رەسمىي قولغا ئېلىندى ياكى ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز داۋاملىق سولاپ قويۇلدى. بۇ خىل ھەرىكەت تۇتۇپ كېتىپ سولاپ قويۇلغان خوڭكوڭ كىتابخانىسىنىڭ 5 نەپەر خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاينىڭ قانۇن ۋە چېگرا ھالقىغان بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ خەلقئارادا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش دېلولار ناھايىتى نۇرغۇن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ كۆرسەتتى.