ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ھەر يىلى خىتاي ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن ۋە باشقا ساھەلىرى تەپسىلىي باھالىنىدۇ. بۇ دوكلات ئادەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋە ئاق سارايغا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشىدا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيۇ رەسلىكىدىكى مەزكۇر كومىتېت تەييارلىغان 2017-يىللىق دوكلات 300 بەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئالتە بابقا ئاجرىتىلغان. بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خىتاي تىلىدا تارقىتىلىشى بۇ دوكلاتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرەلىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدا خىتاي ھەققىدىكى ئومۇمىي، ئەمما تەپسىلىي يېزىلغان مۇقەددىمىدىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەقلىرى، نوپۇس كونتروللۇقى، مۇھىت ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىغا 17 بەتلىك ئورۇن ئاجرىتىلغان.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي دائىرىلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپ قالغانلىقتىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا بىخەتەرلىك ۋە كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتېرنېتقا بولغان كونتروللۇق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. يەنە مۇشۇ رايوننىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كەڭ كۆلەمدە پۇقرالارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى يىغىشنى تېزلەتمەكتە. ھالبۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇنىڭغا رازى بولغىنى ياكى بۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغىنى يوق. خەلقئارالىق ھەق ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ خىلدىكى گېن ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› تەدبىرلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قاتتىق تەقىبگە ئۇچرىماقتا.»
شۇنىڭغا ئۇلاپلا دوكلاتنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش ۋە ئۇنى تەقىب قىلىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن 2017-يىلى ماقۇللانغان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ۋەيران قىلىشتا قانداق شەكىلدە ۋاسىتە بولغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا خاس بىر قاتار ھادىسىلەر، جۈملىدىن خەتنە قىلىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، بوۋاقلارغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇش، ئىسلامىي لىباسلارنى كىيىش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك «تېررورلۇق» نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە بېرىلگەن مەخسۇس سەھىپىدە چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان بىخەتەرلىك خىراجىتى ئۈچۈن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا 30 مىليارد سوم (4.43 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ بولغانلىقى، مىڭلىغان «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى» ۋە مىڭلىغان ساقچىلار قوشۇنىنىڭ يېڭىدىن بەرپا قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى، «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى باستۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ھەمدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق مىڭلىغان كىشىلەرنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋالغانلىقى، «قوش تىللىق مائارىپ» نى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىن مەلۇم بولغان «سىياسىي مەھبۇسلار» ھەققىدىكى ئەندىشىلەرمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «خىتاي سىياسىي مەھبۇسلىرى» سەھىپىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان گۈلمىرە ئىمىن، ئىلھام توختى، جاڭ خەيتاۋ قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىشى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، قازاقلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا نۇرغۇن قازاق ئىماملىرىنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان يەنە بىر مەزمۇن بولسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار توغرىلىق سۇنۇلغان تەكلىپتۇر. بۇ تەكلىپتە نۇقتىلىق قىلىپ مۇنۇلار ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ زور مىقياستا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللاش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ سورۇن ھازىرلاپ بېرىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەقىقىي مەنىدىكى بىخەتەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى مەزمۇن قىلىنغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» نىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتلار، ھەرقايسى مۇخبىرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ رايونغا ئەركىن بېرىپ-كېلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە بىنائەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى جىددىي رەۋىشتە ئەسلىتىش؛ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش ۋە خىزمەت قىلىش ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك تەكلىپ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
بۇ قېتىمقى دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئالاقىدار خەۋەر ۋە مەلۇماتلىرى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ، مەسىلەن، مەسچىت ئىمامىنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمىگەن جېلىل مەتنىياز، ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇتقان پارتىيەلىك كادىر سالامەت مەمتىمىن، مىسىردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ھەبىبۇللا توختى قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقىي قىسمەتلىرى جانلىق مىساللار قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھالغا يەتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرى ھەققىدە يېڭىۋاشتىن ئويلىشىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەت مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى ياكى بۇنى ئۆزگەرتىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھال بۇ قېتىمقى دوكلات ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئېنىق دەلىللەندى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئۆز پەرزەنتلىرىگە قايسى تىلنى ئۆگىتىشنى تاللاشتەك ئاددىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ياكى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى داۋام ئەتتۈرۈشكىمۇ قادىر بولالمايۋاتىدۇ. ھازىر بۇ رايوندىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ، سىرتتىكىلەرنىڭمۇ بۇ جايغا بېرىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا گەپ قىلىش توغرا كەلسە ئۇنى ‹خاراب› دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. شۇڭا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى كۆپلىگەن سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى ھازىر بەكمۇ جىددىي ۋە زۆرۈر بولغان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.»
بۇ ھەقتە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خادىمى تىنا ماففوردمۇ سوفېي رېچاردسونغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، بۇنى ھېچقاچان ئاشكارا سورۇنلاردا ئېتىراپ قىلىپ باققان ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەر داۋام قىلىۋەرسە، شۈبھىسىزكى بۇنىڭدا سەلبىي ئاقىۋەتتىن باشقا ھېچنەرسە ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ زۇلۇم خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا غەزەپ ۋە نارازىلىققا سەۋەبكار بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ئامىللارنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى سىمۋوللۇق ھادىسىلەرنى تېررورلۇققا باغلاپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ نېمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ دېسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار دىنىي ئېتىقادنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت نوپۇزى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىس دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا نېمە ئاشكارا بولىدۇ، دېسىڭىز خىتاي ھۆكۈمىتى ناۋادا مۇشۇ خىلدىكى تەتۈر سىياسەتنى داۋام قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋەرسە بۇ پەقەت مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇشقا يول ئاچىدۇ، خالاس.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ خىتايچە تەرجىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇرمەنلىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغىلى بولىدىكەن.
0:00 / 0:00