ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە زەيىد ھۈسەيىن بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نىڭ شەرىپى ھەمدە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ، بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ھەيئىتى زەيىد ھۈسەيىننىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىدە يىللاردىن بۇيان پىداكارلىق بىلەن بەجانىدىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەرىپلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى دادىللىق بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى.

زەيىد ھۈسەيىن بىلەن بولغان مۇزاكىرىگە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان س ن ن نىڭ پېشقەدەم مۇخبىرى ئېلىس لابوت رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتىدا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتنىك قىرغىنغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتە ب د ت نىڭ قانداق پىكىردە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال قويدى.

زەيىد ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ تېخى يېقىندىلا «ئېتنىك تازىلاش» تىن ئامان قالغان بىر قىسىم روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتە پۈتكۈل بېرما تەۋەسىدە مۇسۇلمانلارنى «يوچۇن كىشىلەر» دەيدىغان قاراشنىڭ ھازىر «روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنسانلار» دەپ قارايدىغان چۈشەنچىگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ رايون بىخەتەرلىكى ۋە باشقا ساھەلەردە كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان قەبىھلىككە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەتتە ئېلىس لابوت نۆۋەتتىكى بېرما رەھبىرى، سابىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئاڭسان سۇچىنىڭ بېرما ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشكە ئۈندىمىگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر پۈتكۈل بېرما خەلقىنىڭ روھىنگالارنى «يوق قىلىۋېتىش» كە مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

زەيىد ھۈسەيىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارچە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋە ھەققانىيەتنىڭ قارشىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاخىرقى ھېسابتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى، جۈملىدىن قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ جەرياندا ئاشۇ ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىشنىڭ نۇرغۇن بەدەللەرگە توختايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا سەۋرچانلىق بىلەن ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشنىڭ ئوخشاش مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بىلەن دىكتاتورلۇقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن قاتناشقۇچىلار زەيىد ھۈسەيىندىن ئۆزلىرى قىزىققان مەسىلىلەر بويىچە سوئال سورىدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۈگۈنكى مۇزاكىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە زەيىد ھۈسەيىنگە سوئال قويدى. ئۇ سوئالىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ بولغۇچە بەكمۇ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ ھەقتە زەيىدنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى سورىدى.

زەيىد بۇ ھەقتە قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدا بەزى «قاتمال» ئامىللارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ئىشلارغا دېگەندەك ئاۋاز قوشمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، ئۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر ئۇيغۇر ئالىم ئىدى. ئۇ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن بىز بۇنى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سەمىگە سالدۇق. پۇقرالار ھوقۇقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ليۇ شياۋبو مەسىلىسىنىمۇ بىز ئۇلارنىڭ دىققىتىگە سۇنغان. ھالبۇكى بىز ھازىرغىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى جاۋابىنى ئاڭلىمىدۇق. ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بارلىق مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، بۇ ھادىسىلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن ‹سىياسىي خاراكتېرلىك قول تىقىش› ھەرىكەتلىرىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى لازىم. بىز ھازىر مۇشۇ مەسىلە ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، شۇنىڭدەك مۇشۇ نۇقتىنى خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىۋاتىمىز. دەرۋەقە بۇ ئۇنچە ئوڭايلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلار ئەمەس. ئەمما بىز داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز.»

يىغىن ئاخىرىدا ئۆمەر قانات ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ زەيىد ھۈسەيىن بىلەن قىسقىچە ئايرىم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىشكە مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، زەيىد ھۈسەيىن 1964-يىلى ئىئوردانىيە خان جەمەتىگە مەنسۇپ شاھزادە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1993-يىلى ئەنگلىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ ئىئىوردانىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە ئىئىوردانىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2014-يىلىدىن بۇيان ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەيئىتى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.