ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەسىراتلىرى (3)
2014.06.06

22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدا يۈز بەرگەن 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى تەسىراتلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئۇلار ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىن تامامەن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. ماقالىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، بارغانچە كەسكىنلەشكەن رايون ۋەزىيىتى، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك، خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى دۇڭ فاڭنىڭ «شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى» ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يازمىلار تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى دۇڭ فاڭنىڭ «شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى» ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا «دۆڭكۆۋرۈكتىكى سوغۇق كەيپىيات ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋەھىمە» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان. ئاپتور بۇ قىسىمدا، 43 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى 100 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، قوراللىق ساقچى - ئەسكەرلەر قاپلىغان ئۈرۈمچى بازارلىرىدا خېرىدارلارئازىيىپ، ھەممە جاينى سوغۇق كەيپىيات قاپلىغانلىقىنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ۋەھىمىلىك تۇيغۇلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتۇر 22 - ماي سەھەردە يۈز بەرگەن پارتلاش ھۇجۇمىدىن كېيىنكى شەھەر مەنزىرىسى ھەققىدە توختىلىپ، «شۇ كۈنى ئەتىگەنكى پارتلاشتىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى يول ئۈستىگە ئاققان قانلار سۇ چېچىش ماشىنىسى بىلەن يۇيۇۋېتىلگەن، ئوت كەتكەن بىنالاردىكى كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلەر قايتىدىن ياسالغان ئىدى. دوقمۇشلاردا ساقچى ئاپتوموبىللىرى چارلاپ يۈرگەن، ساقچىلار يولدىكى كىشىلەرنى ۋە ئاپتوموبىللارنى توسۇپ، كىملىك تەكشۈرۈۋاتقان مەنزىرە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. يول ياقىسىدا توختىغان ئاپتوموبىللار بولسا ھەر خىل تىپتىكى ساقچى ئاپتوموبىللىرى ئىدى» دېگەن بايانلارنى بېرىدۇ.
ئاپتور باشقىلارنىڭ قايتا - قايتىلاپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىغا بارماسلىق ھەققىدىكى تەۋىسىيىسىگە قارشى ھالدا دۆڭكۆۋرۈك بازىرىغا بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن سوغۇق كەيپىياتنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ «ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان ئۈرۈمچى چوڭ بازىرىدا سوغۇق كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى. ئاڭلىشىمچە، 22 - ماي ۋەقەسىدىن ئىلگىرى بۇ جاي قاينام - تاشقىنلىققا تولغان سودا ۋە ساياھەت مەركىزى ئىكەن. ئەمما شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى بىز بۇ بازاردىكى بىر سودا سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، قۇپ - قۇرۇق سودا سارىيىدا مۇخبىرلاردىن باشقا ساياھەتچىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. دۇكان خوجايىنلىرى روھىسز ھالدا ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلار بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ جانلاندى - دە، تۇنجى مېلىنى سېتىش ئۈچۈن بىزگە ئۈمىد بىلەن قارىدى.»
ئاپتور 22 - ماي پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى كېچىلىك بازارلار تاقىۋېتىلگەندىن كېيىنكى سۈكۈتكە چۆمگەن ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ كىشىنى ئەنسىزلىككە، ۋەھىمىگە سالىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىچىسى كوچىدا يۈرگۈچىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىزمۇ، ئۇ سىزگە قارىماي يېنىڭىزدىن تېز - تېز مېڭىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. چىراق يورۇقىدا ئۈرۈمچى كوچىسىدا مېڭىش ئەسلى بىر ھوزۇر ئىدى، ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇلارنى ئۇچۇرۇۋەتكەن ئىدى. كوچىدا كۆرىدىغىنىڭىز، توختىماي ئايلىنىپ يۈرگەن ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە قوراللىق ساقچىلار. بۇ مەنزىرە كىشىدىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى تېخىمۇ ئۇلغايتاتتى. ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىشلار بۇ شەھەرگە ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى. كىشىلەر ۋەھىمە بىلەن ئەتراپقا قارايتتى. ئادەملەر كوچىدا ئاڭلانغان قاتتىقراق ئاۋازدىنمۇ چۆچۈيتتى، گۇمانلىق نەزىرى بىلەن سومكا كۆتۈرۈۋالغۇچىلارغا قارايتتى.»
ئاپتور بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىر - بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئۆز - ئارا ئېھتىيات قىلىدىغان ھالەتنىڭ ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى «ماگىزىنلاردىكى مەن كۆرگەن خىزمەت ئېلانلىرىغا ئېنىق قىلىپ " پەقەت خەن مىللىتىنى ئىشقا ئالىمىز " دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. دۇكان ئىشىكلىرىدە بولسا مەخسۇس ئادەم قويۇلۇپ خېرىدارلارنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا كۆرگەنلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار، بۇ جايدا خىتايلارنىڭ چىرايىنى ئۇچراتمىدىم. كوچىدىكى مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقىنىمدا ئىككى ئۇيغۇر يېنىمغا كېلىپ، مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى سوراشتى. مەن ئۇلارغا ئامېرىكىدىن كەلدىم دەپ جاۋاب بەرسەم، ئۇلار گۇمان بىلەن ماڭا قاراپ،" سىز خەن مىللىتىگە ئوخشايدىكەنسىز، خىتايچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز؟" دېيىشتى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئاسىيالىقلاردىن ئىكەنلىكىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى دەرھال مۇلايىملاشتى» دېگەن جۈملىلەر بىلەن بايان قىلىدۇ.
ئاپتور «شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى»نىڭ ئاخىرىقى بابىدا، ئۈرۈمچىنى قاپلىغان بۇ ۋەھىمە، كىشىلەردىكى قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئارىسىدا شەكىللەنگەن بۇ توساقنى يوقىتىشقا نەچچە ئەۋلاتنىڭ تىرىشچانلىقى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «مەن بۇ شەھەردىكى ئاھالە ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايمەن. بۇ شەھەرنى، شەھەردىكى كىشىلەرنى ۋەھىمىلىك كەيپىيات قاپلىغان ئىدى. كىشىلەر بۇ شەھەردىن قورقاتتى، يېنىدىكى كىشىدىن قورقاتتى. چۈنكى شۇ كۈندىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى ئادەملەر ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچنىمۇ پارتلىتىپ يوق قىلغان ئىدى. كوچىلاردىكى قوراللىق ساقچىلارغا " تېررورچىلارغا بىر مىنۇت ئىچىدە ئوق چىقارسا بولىدۇ" دېگەن ھوقۇق بېرىلىپتۇ. ئەمما ئوخشمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا يوقالغان ئۆز - ئارا ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى كېرەك ئىدى.» دېگەن.
«شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى» ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
بەزىلەر ئاپتور دۇڭ فاڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىنىڭ ئەينەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، بەزىلەر ئاپتورنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا بۇ قەدەر قاتتىق تەدبىر ئېلىشىغا مەجبۇر بولغان سەۋەبنى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇخبىرنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. يەنە بەزىلەر بولسا ئۈرۈمچىدىكى بۇ خىل قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا سەۋەب بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى، زىيادە قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا توختىماي بېرىلىۋاتقان تېررورلۇقتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۈرۈمچىدىن بۇ ماقالىغا ئىنكاس يازغان ياڭ جيەنيې ئىسىملىك بىر تورداش : «نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق كەيپىياتىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆزى پەيدا قىلدى. ئۇلار ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلارنى تاقىدى، باغچىلارنى تاقىدى، گاز پونكىتلىرىنى تاقىدى.....بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئاپتوموبىللىرىغا گاز قاچىلاش ئۈچۈن شوپۇرلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرماقتا، شەھەر ئاھالىلىرى تاكسى توسىيالمايدۇ. شەھەر پۇقرالىرىدىكى قورقۇنچلۇق كەيپىياتنى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى پەيدا قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى پەقەت پۇقرالارنى باستۇرۇشقىلا يېتىدۇ» دەپ يازغان.
ئۆزىنىڭ خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن ئىنكاس يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يەنە بىر تورداش ياڭ جيەنيى ئىسىملىك تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن. ئەمما تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ھازىر پۈتۈن جۇڭگودا پارىخور، ئىقتىدارسىز ئەمەلدارلارنىڭ سەۋەبىدىن قالايمىقان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ پارىخور ئەمەلدارلار گۇرۇھى ئاخىرىقى ھېسابتا، شىنجاڭنى، شىزاڭنى ھەتتا ئىچكى موڭغۇلنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ» دەپ يازغان.