ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ماتەم باياناتى بەردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ «1-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق توي كۈنى بولسا، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر ماتەم ۋە مۇسىبەت كۈنىدۇر!» دەپ جاكارلىدى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا، ئۇيغۇر جامائىتىگە 1-ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى يول قويغان دائىرىدە، نامايىش ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مانا بۈگۈن، 30-سېنتەبىر پايتەخت ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى 1949-يىلى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، 1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى ۋە خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي، مىللىي قىرغىنچىلىقى، زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى پاش قىلىنغان ۋە ئەيىبلەنگەن مەزمۇندا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.