ئامېرىكىدىكى كاتو ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كاتو ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2018-يىلى 28-نويابىر، ۋاشىنگتون.
كاتو ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2018-يىلى 28-نويابىر، ۋاشىنگتون.
cato.org

ئامېرىكىدىكى كاتو ئىنستىتۇتىدا 28‏-نويابىر كۈنى «يېڭى گۇلاگ ئاراللىرى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق قايتا-تەربىيەلەۋاتىدۇ ۋە دۇنيا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا جىددىي قارىشى كېرەك» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى، دۇنيانىڭ ئىنكاسى، خىتاينىڭ مۇددىئاسى، لاگېرلارنىڭ تەسىرى، قارانچۇقسىز قالغان بالىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مەزكۇر يىغىن كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرغان تۇنجى يىغىنى بولۇپ، مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى لايىھىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىنغا مەزكۇر ئورگاننىڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون، ئامېرىكىدىكى «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئېل دوكلات بەردى ۋە تىڭشىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىندا نۇرىي تۈركەل خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ 2014‏-يىلى 5‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى، ھەر بىر كىشىنىڭ تېلېفونىغا ئومۇميۈزلۈك نازارەت يۇمتالى قاچىلاشتەك يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى، ھەر بىر ئىش ئورنى ۋە كەنتلەرگە نازارەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇشى دەۋرىدىكى شەرقىي گېرمانىيە جاسۇسلۇق سىستېمىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىدا قانداق ياشاۋاتقانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ بارلىقى، مانا بۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن سۆزۈمنى شۇنىڭ بىلەن خۇلاسىلىماقچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆمۈر گازىدا بوغۇلۇۋاتقان كانارىي قۇشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى. بىز ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك يۈرەلمەيمىز. لىبېرال دېموكراتىيەلەر بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى، بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ھۆكۈمەتلەرنىڭ جىددىي سىياسىي تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

يىغىندا «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئېل خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى ۋە لاگېرلارغا قامىشى نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ دارىلئېتاملاردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىن يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئونلىغان دارىلئېتاملار سېلىندى. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي، ئۆتكەن يىلى قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە بۇنداق ئورۇنلاردىن 18 ئى قۇرۇلغان. بۇ دارىلئېتاملارنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى، بۇ دارىلئېتاملارنىڭ شارائىتىنىڭ بەك ناچارلىقىنى، 6 ئايلىقتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ خۇددى بىر قوتانغا سولىغاندەك سولاپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ بالىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بوۋا-مومىلىرى ئېلىپ كېتىپ بېقىشنى تەلەپ قىلسىمۇ ئۇلارغا بېرىلمەيدۇ. ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، مەدەنىيىتى، ئىسلام دىنىي، ئانا تىلىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن. ئۇلار پەقەتلا خىتاي مەدەنىيىتىدە تەربىيەلىنىدۇ. مەن سۆزلەشكەن بەز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق ئاكتىپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئۆز كىملىكىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلايدىكەن.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسون، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ لاگېرلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ باھانىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئىككىنچى تەلەپ، بۇ لاگېرلاردا ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسىدۇر. يەنە بىر مەسىلە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئۇلارنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى تېزلىتىش، خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئېلىش زۆرۈر.»

سوفىيە رىچاردسون يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدا قايتۇرغان ئىنكاسىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز بۈگۈن خىتايدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر مىليون كىشىنى قامىغانلىقى ھەققىدە توختالغان بولساق، شۇنى نەرسە بىزگە ئايانكى، بۇ مەسىلە بۈگۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ئالاقىدار شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى ئېمبارگو قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان بولاتتى. ھەممىدىن قىزىق يېرى، شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى بېرمىدىكى رونغېڭگا مەسىلىسىگە باغلاش. بۇ كىشى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ شۇ كۈچلۈك سىگنالنى بېرىدۇ، خىتاينىڭ ب د ت سىستېمىسىدىكى تەسىرىنىڭ قانچىلىك كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

كاتو ئىنستىتۇتى چاقىرغان بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ئاي ئارگېنتىنادا كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما بۇ ئۇچرىشىش بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىر سىياسىي كوزىر سۈپىتىدە ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پرېزىدېنت نۇرىي تۈركەل كاتو ئىنستىتۇتىدىكى يىغىندا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى ئەندىشىنىڭ ھەقلىق ئەندىشە، دەپ قارايدىغانلىقى، بىراق بۇنداق ئېھتىماللىق مەۋجۇت، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرىي تۈركەل مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئەندىشە ھەقلىق ئەندىشە، لېكىن ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئەندىشە، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، مەن بىر ئۈمىدۋار ئادەم. بۇ مەسىلە بۇرۇنقىدەك لىڭگىر تاق-تاق يەردىن ئۆتۈپ كەتتى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى تاشقى سىياسەت چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇھىم تېما ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەگەر ئامېرىكا بۇنى باشقا بىر مەسىلىنىڭ قۇربانى قىلىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايلارغا جىددىي مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.»

لېكىن سوفىگە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق ھەپتە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق. لېكىن بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا ئىمبارگوسى قويۇش ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ھۆكۈمەت بۇ يولىدىن قايتامدۇ، ئېگەن مەسىلە ئوچۇق بىر سوئال. پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى سۆزلىشىدۇ. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچىلىك تىرىشچانلىقلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ يولىدىن تېزلا يېنىپ كەتمەيدىغۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ھالقىلىق ھەپتە بولۇپ قالىدۇ.»

كاتو ئىنستىتۇتىدىكى يىغىن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 4‏-پائالىيەت. كاتو ئىنستىتۇتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان چەرچەنلىك ئۇيغۇر قىزى مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ لاگېرلارنىڭ پاجىئەلىك رېئاللىقى ۋە ئۆزىنىڭ لاگېردىكى قورقۇنچلۇق كەچمىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت