ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچى تەسىراتلىرى

0:00 / 0:00


22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى تەسىراتلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ماقالىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ تەييارلىشىدا ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تەسىراتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنىدا بولسۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ 22 - ماي يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن، بارغانچە مۇرەككەپلەشكەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى بارغانچە كۈچەيتىپ، بۇ رايونلاردا ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا تۇرۇپ خەۋەر بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر ۋە تەسىرات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى LOUISE WATT ۋە دى دى تاڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن 25 - ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان«خىتاي شەھىرىدىكى بومبا پارتلاش، ئېتنىك پەرقنى نامايەن قىلدى» ناملىق ماقالە ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دۇڭ فاڭ 30 - ماي ئېلان قىلغان«ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى» ماۋزۇلۇق تەسىرات ماقالىسىدە، 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جىددىيلىك ۋە ئۇيغۇر، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا سۆھبەتلەر بېرىلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لوئۇسې ۋاتت ۋە دى دى تاڭ قاتارلىقلار ئېلان قىلغان خىتاي شەھىرىدىكى بومبا پارتلاش، ئېتنىك پەرقنى نامايەن قىلدى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلىۋاتقان «ئۈرۈمچىدە خەن مىللىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر - بىرى بىلەن چىقىشىپ ئىناق ئىتتىپاق ياشايدۇ» دېگەن مەنزىرىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«بىز ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھۇجۇمىدىن كېيىن، بۇ يەردىكى 20 نەچچە پۇقرانى زىيارەت قىلدۇق، ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا نۆۋەتتە ئىككى مىللەت ئارىسىدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان قاتمال ۋەزىيەتنى يەنى، ئۆز - ئارا، چۈشەنمەسلىك، ئېھتىياتچانلىق ۋە بىر - بىرىدىن گۇمان قىلىپ ياشايدىغان روھى ھالىتىنى ئىپادىلىدى» دېگەن.

ماقالىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ مەكتەپتىكى خىتاي ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،«بىز ئۆز زېمىنىمىزدا ياشاۋاتىمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىزنى چەتئەللىكتەك ھېس قىلىمىز» دېگەن. ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇسى ئالدىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر جۈپ خىتاي ئەر - ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قوشنىلىرى بىلەن ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،«بىز ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمىز، شۇڭا ئۇلار بىلەن بېرىش - كېلىشمۇ قىلمايمىز. ئۇلارنى چەتئەللىكلەر دېسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى چەتئەللىكلەرگىلا ئوخشايدۇ» دېگەن.

ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان بىر چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەن خىتايلار شەھەرنىڭ شىمالىغا توپلىنىپ ياشاشقا باشلىدى، ئۇ تەرەپتە ئۆي سودىگەرلىرى ئاچقان يېڭى ئولتۇراق ئۆيلەر كۆپلەپ سېلىنىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلاردىن قورقۇش، ۋەھىمە تۇيغۇسى، بىر خىتاي دۇكاندارنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلىنغان «ئەگەر دۇكانغا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەر كىرىپ قالسىلا، بىز دۇكاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ ماڭىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ دۇكىنىمىزغا پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنى قويۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ بىزگە بىزنىڭ بۇ ئەتراپتا ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئۇقتۇردى.»

بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياڭ فامىلىلىك تاكسى شوپۇرى ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،«خەن پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتەلمىدى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا ۋە كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ مۇستەقىللىق» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ «شىنجاڭ زىيارەت خاتىرىلىرى» دە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى، پىچان ۋە كورلىدىكى بىرنەچچە كۈنلۈك سەپەر خاتىرىلىرى بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئۈرۈمچىدە بۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلارنىڭ بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ بۇ ئىككى مىللەت پۇقرالىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىدىن بۇ يەرگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭلا مەنپەئەتدار بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ يەردىكى پۈتكۈل بايلىقنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا نامرات ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇخبىرنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللىرى، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرى ۋە ھېس - تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.