ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ يىلمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى گۇرۇپپىلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنى بېسىم سىياسىتى تەنقىد قىلىندى.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى 2013 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى باھالاپ چىقتى. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن نۇقتا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئون يىل ئىچىدىكى ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى، دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارىغانلىقتىن ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن دىنى ماتېرىياللار ۋە دىنى تور بەتلەرنى چەكلىگەن. دىنى زاتلارنى تەقىب ئاستىغا ئالغان. بولۇپمۇ، 2008 - يىلى تىبەت، 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت بۇددىستلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

ھۆكۈمەت دىنىي زاتلارنى نەزەردىن چۈشۈرۈش، جامىئەلەرنى تەقىب قىلىدىغان يېڭى تۈزۈملەرنى بېكىتىش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىغا پارتىيىگە سادىق بولۇشنى ئۆگىتىدىغان يېڭى كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتكەن. يۈزلىگەن كىشى دىنغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ياكى دىنى ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلانغان.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن :

« خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئىشىنىش، دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى رادىكالىزمنىڭ ئىسپاتى دەپ قاراپ، كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە دۆلەت كادىرلىرىنى دىنغا ئىشىنىشتىن چەكلەپ كەلمەكتە. 2009 - يىلىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش نامى ئاستىدا يېزا - بازارلارغا 8000 دىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمىنى سەپلىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن باستۇرۇشى سەلبىي نەتىجە بېرىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەكلەشكە ئۇرىنىۋاتقان رادىكالىزمنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.»

بۇ ھەقتە خەلقئارا دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور كاترىنا لەنتوس سۋەت خانىم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

« ئۇيغۇر رايونىدا بىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى چەكلەش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلار دىنى مەكتەپلەرنى پېچەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش، ياشلارنى ۋە بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن چەكلەش ئارقىلىق بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.»

كاترىنا خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ « قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى» دېگەن باھانە بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلغانلىقى ۋە ھەتتا تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا يەنە، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، يۈزىنى يېپىشىنى چەكلىگەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېزىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارنى ئەگەر ئايالى يۈزىنى ئېتىۋالسا ياكى بالىلىرىنى مەسچىتكە ئەۋەتسە ياردەم پۇلىنى كېسىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلغانلىقى، ئىماملارنىڭ كىنىشكىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق سىياسىي كۇرسلارغا قاتنىشىشى كېرەكلىكى، ئايدا بىر قېتىم ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا، قوراللىق خىتاي ساقچىلىرى كورلىدىكى دىنىي كۇرسقا ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلگەن 12 ياشلىق مىرزاھىت ئامانۇللا ۋە قانۇنسز دىنىي ماتېرىياللارنى تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقان قاھار مەنسۇر، مەمەت تۇرسۇن قاتارلىق 9 ئۇيغۇرنىڭ نامى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە دىنى ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

دوكتور كاترىنا سۋەت خانىم بولسا خىتاينىڭ دىنى ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە چېكىنىش ئېغىر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئەھۋالى بولسا شۈبھىسىزكى ئەڭ ناچار» دېدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى رەھبەرلەر، دىنى زاتلارنى قارىلاش، تۇتقۇن قىلىش، غايىپ قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا بىر قىسىم تەكلىپ - پىكىرلەر سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى ماددىلار ئورۇن ئالغان.

- دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇشى، دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك دىئالوگلاردا بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

- ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مالىيە مەنبەلىرىنى كۈچەيتىشى ياكى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. بۇ، خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان دىپلوماتلارنى تولۇقلاش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس دىنى ئەركىنلىك ھەم كىشىلىك ھوقۇق تېمىلىرى بويىچە خىزمەت قىلىدىغان دىپلوماتلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

- خىتايدىكى تۈرمىگە تاشلانغان، تەقىبكە ئۇچرىغان ياكى يوقىتىۋېتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەش دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان مالىيە ياردەملەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇش كېرەك.

دوكلاتتا يەنە، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا ئېلىنغان،سوتلانغان، تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەر ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لخاسا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كونسۇلخانا قۇرۇپ ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش، قانۇن كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ھەم قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق تەكلىپ - پىكىرلەر بېرىلگەن.

بۈگۈن يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ئەتراپلىق دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق دىنى بېسىم سىياسىتى مىساللار بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆز خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.