پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھازىرغىچە بىلدۈرگەن ئەڭ كەسكىن بىر ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خەزېر نۇترېت تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتايغا بېرىپ، بىزگە خىتايدىكى كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان بىر ۋەزىيەت ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى. شىنجاڭدىكى زورىيىپ مېڭىۋاتقان بېسىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىمى بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇشقا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىغا ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىمىز! خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان نازارەت ۋە تەقىبنى يولغا قويۇشى بىزنىڭ ئەندىشىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان بۇنداق سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرىمىز.»
پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەھدىتكە ۋە تۇتقۇنغا ئۇچراش مەسىلىسىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئىدى. خەزېر خانىم مەيداندىكىلەرگە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى كۈندىلىك خىزمىتى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنىغا ئۇچرىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
خەزېر خانىم مۇنداق دېدى: «مەن تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 6 نەپەر مۇخبىر بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار بىلەن بىر سائەتكە يېقىن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ مۇخبىرلىرى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىڭلار ئەركىن-ئازادە ھالدا قىلىۋاتقان كۈندىلىك خىزمەتنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان. بىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قەھرىمان ژۇرنالىستلىرىنىڭ خىزمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى خىتايغا داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىر قانچە قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ بايانات ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بىلدۈرگەن ئەڭ ئېنىق ۋە ئەڭ كەسكىن ئىپادىسى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ باياناتنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئەمدىكى نۆۋەت خىتايغا تەدبىر ئېلىشتا، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىشى بولۇپمۇ سان-ساناقسىز كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كىشىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال. ئەمدىكى سوئال بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق تەدبىر ئېلىشىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بىر جازا تەدبىرى ئالامدۇ-قانداق؟ مەنچە بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىن-بىر ئۇسۇل ئۇنىڭغا دەرھال بىر تەدبىر ئېلىشتۇر.»
دەرۋەقە، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتسكىي قانۇنى» بىلەن جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز دېگەندە «ئون مىڭلىغان» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا ماگنېتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سوفى رىچاردسون خانىم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر ھەل بولمىغۇچە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىرمۇ-بىر تىزىملاپ چىقىشى كېرەك. بۇنى خىتايغا بىلدۈرۈشى كېرەك. ئاندىن قاچان ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەل بولمىغۇچە، خىتاي بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سۆھبەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك،» دېدى.
تېخى يېقىندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى تېرري براندستاندقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەكتۇبىدا باش ئەلچى براندستاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىشىنى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ماگنېتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولسا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان يۇقىرىدىكى باياناتلارنىڭ سىياسەتكە ئايلىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۈن تەرتىپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر بايانات،» دەپ شەرھلىدى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بۇنداق ئېنىق پوزىتسىيىسىنىڭ باشقا دېموكراتىك ئەللەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئىنتايىن ئۈمىدلىنەرلىك بىر تەرەققىيات،» دېدى.