ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئارزۇ-تەلەپلىرىنى سورىدى

0:00 / 0:00

30-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. زۇبەيرە خانىم سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

30-يانۋار كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك ئىشخانىسى باشلىقى دەن خولترۇپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇرلار، بىرمادىكى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى ۋە ۋىيېتنام خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، ۋىيېتناملىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دوكتور ناگۇيان دىڭتاڭ ۋە شۇنداقلا روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى دوكتور ئازىم ئىبراھىم قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۆھبەت يىغىنى فېيسبۇك ۋە تۋىتتېر ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

دەن خولترۇپ ئەپەندى سۆھبەت يىغىنىنىڭ كىرىش سۆزىدە بۈگۈنكى بۇ يىغىننى تونۇشتۇرۇپ دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ 24 پىرسەنتىدە ئېغىر دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى بارلىقى، جۈملىدىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 74 پىرسەنتىنىڭ مانا بۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دىنى بېسىم ۋە چەكلىمە سىياسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكى، ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ توسالغۇسىز ئۆز دىنىنى ياشاش ۋە ياشىتىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىلا ئاندىن تىنچ ۋە مۇقىم دۇنيا ياراتقىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكىنى، مانا بۇ سەۋەبلىك بۈگۈن يۇقىرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئالدى بىلەن سۆزنى زۇبەيرە خانىمغا بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى سورىدى. زۇبەيرە خانىم سۆزىدە دىننىڭ بىر مىللەتنىڭ تارىخى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مەنبەسى بولغان دىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر شارائىتتا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىن دەن خولترۇپ ئەپەندى زۇبەيرە خانىمدىن ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ۋە ئۇچراۋاتقان رىقابەتلىرىنى سورىدى. زۇبەيرە خانىم بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىدە ئاڭلىتىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان رىقابەتلەرنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپلۈكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى ئەڭ چوڭ رىقابەتلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى. زۇبەيرە خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە. ھازىر ‹يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى› پەيدا بولۇپ، مىڭلىغان كىشى بۇ مەركەزلەردە سولىنىپ ياتماقتا. بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر ھالدا خىرىس پەيدا قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دۇنيادا مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئومۇملاشقان كۆز قاراشمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، دىنى ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىشقا رىقابەت پەيدا قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى دىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا باغلاپ سۇيىئىستېمال قىلماقتا.»

روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئازىم ئىبراھىممۇ بۇ نۇقتىدا زۇبەيرە خانىمغا قېتىلىپ، روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ دەل ئۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېخىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىيېتناملىق پائالىيەتچىمۇ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش بىر پارتىيەلىك ھۆكۈمەت بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق دىنى گۇرۇپپىلار ۋە دىنى ئېتىقادلارغا، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە چېركاۋلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يىغىن باشقۇرغۇچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولغانلىقتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك، بىز سىلەرگە قانداق ياردەم قىلالايمىز؟» دەپ سورىدى. بۇنىڭغا زۇبەيرە خانىم جاۋاب بېرىپ، ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە باشچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بېسىمغا بولغان سۈكۈتنى بۇزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندا بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق قوللاشنى داۋاملىق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا يولباشچى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە سوئال سورىشى ۋە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

زۇبەيرە خانىم يۇقىرىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سۆھبەت يىغىنىنىڭ تور ئارقىلىق 30 مىڭدىن ئوشۇق كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىننىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر پائالىيەت. چۈنكى بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۈرگۈزىدىغان تاشقى سىياسەتكە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ سورۇندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇبەيرە خانىمنىڭ بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن».

ھېنرىي ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر دىنى ھوقۇق ۋە باشقا ھوقۇقلار قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋە شۇنداقلا دەل تونۇلغان ئۇيغۇر دىنى ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار چىقىۋاتقان مۇشۇنداق بىر جىددىي پەيتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭلىتىۋاتقاندىن پەرقلىق بولغان بىر ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.