دونالد ترامپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پەقەتلا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئېرەڭسىز پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان تۇنجى ئۇچرىشىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنلىرى فىلورىدا شتاتىدىكى تۇرالغۇسىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالىدۇ. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر ۋاقىت دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەندەك، بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمۇ ئالاھىدە قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ترامپنى خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاينى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قىلىۋاتقان بېسىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا قورقماي بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ پرېزىدېنت ترامپقا مەكتۇپ يوللاش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ قانچىلىك زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم كۈن تەرتىپ قىلىشقا چاقىردى. ئەركىنلىك سارىيى پرېزىدېنت ترامپقا بۇ ھەقتە مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ھەم ئاشكارا سورۇندا، ھەم ئاخباراتقا يېپىق سورۇندا تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقا چاقىرغان، ئۇنداق قىلمايدىكەن، بۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاي ئاخبارات مۇنبىرى بۆلۈم باشلىقى سارا كۇك خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ زور رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەسىرى بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغاندا ھەقىقەتەن خىتاينىڭ بەزى قارارلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، بەزى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ياكى بەزىلەرنى تۈرمىلەرگە سولىنىشتىن ساقلاپ قالغان. شۇڭا بىز بۇنى بەك مۇھىم دەپ قارايمىز.»

ساراھ كۇك خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەم شۇنداقلا خىتايدىكى مۇستەقىل ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرى ئۈچۈنمۇ زىيان ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ھەر يىلى بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نۇرغۇن زىيان بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئامېرىكا ئۆزى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ چېكىنىشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئالدى بىلەن خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون باياناتتا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپىگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ بۇنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئەلۋەتتە، مېنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى، ئالسىمۇ قانداق يوسۇندا ئالىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئازراق گۇمانىم بار. ئەمما، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھۆكۈمەتلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەدەم ئاتمىغۇچە ھۆكۈمەتلەر بۇ مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تىلغا ئېلىشنى داۋام قىلىشى كېرەك.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پرېزىدېنت ترامپ ئەگەر بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىسا، بۇنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياققانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار باياناتىدا، ئەگەر ترامپ خىتايغا بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمىسە، ئۇ ھالدا بۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ تىنچلىقنى بۇزىدىغان، زەھەرلىك ۋە ئىنسانىيلىقتىن يوقسۇن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، دېدى ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خىتاي، ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مىليونلارچە كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەن تەقدىردە، ھېچ بولمىغاندا ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەمما تېخى رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشتا مۇھىم رولى بولىدىكەن. شۇڭا ئەركىنلىك سارىيى پرېزىدېنت ترامپقا يوللىغان مەكتۇپىدا ئۇيغۇر تور يازغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت قاتارلىق 8 كىشىنىڭ دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ساراھ كۇك خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىنلىك سارىيى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئالدى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن بىرگە، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قاتارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى ۋە سىياسىي مەھبۇسقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان، يەنى تېخى رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان 8 كىشىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تور بەت يازغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، 23 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشى ئىلھام توختى، گۈلمىرە ئىمىن ۋە تۇرسۇنجان مەمەتلەردىن ئىبارەت. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتلىرىدىمۇ ئىلھام توختى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىش تەلەپ قىلىندى.

ئەلۋەتتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا يۇقىرىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق بېرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، يۇقىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى تىلغا ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەسىلىگە ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن قاراپ، بۇ ئۇچرىشىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئامېرىكىدىن قوللاشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنى ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندىمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى بىلدۈردى: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى مەيدانىنى نەزەردە تۇتقاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى چوقۇم بۇ تېررورلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى پاسسىپ قوللاشنى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ۋاسىتىلىك قوللاشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلىشىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئانچە ئېرەڭشىمەيۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىش ئېھتىماللىقى بار دېيىشكە بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىكى بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.