ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھەققىدە بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى توم مالىنوۋىسكى بۈگۈنكى باياناتىدا، سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ 19 - نۆۋەتلىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋاشىڭگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى توم مالىنوۋىسكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاخباراتقا مەلۇمات بەردى. بايانات جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئېلىندى.

توم مالىنوۋىسكى مۇخبىرلارغا ئىككى تەرەپنىڭ دىئالوگىدا ئالدى بىلەن خىتايدا قولغا ئېلىنغان 250 نەپەردىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئادۋوكاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، سوراققا قىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قالغانلىرىنىڭ يەنىلا تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تېلېۋىزىيىدە مەجبۇرىي جىنايىتىنى تونۇتۇپ، سۆزلىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ «بىز بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۆز جىنايى قانۇنلىرىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيىتتۇق، خىتايدا تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلەرنى، نارازىلىق نامايىشى قىلغانلارنى قولغا ئېلىش، ئۇلارنى جىمىقتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىققا ئاساس يارىتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردۇق»دېدى.

توم مالىنوۋىسكىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار يەنە، يىغىندا خىتايدا يېقىندا ماقۇللانغان دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنى ئىپادە قىلىش، سۆز - پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قانۇنلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنغان ليۇ شاۋبو ۋە 71 ياشلىق ئايال مۇخبىر گاۋيۈنى تىلغا ئالغان.

ئۇلار يەنە يىغىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. توم مالىنوۋىسكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا تېررورلۇق بىلەن تىنچلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى ئىپادە قىلىش ۋە دىنى ئېتىقادنى تېررورلۇق بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مالىنوۋىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى :

- بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتۇق ھەم شۇنداقلا ئىلھام توختىغا ئوخشاش ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى نارازىلىقنىڭ يىلتىزىنى كۆرۈپ يېتىپ، شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق سىياسەت چىقىرىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بۇنداق كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق.

توم مالىنوۋىسكى سۆزى ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىدىغان قەدەملەر تاشلاشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈردى.

توم مالىنوۋىسكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلارنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇخبرلارنىڭ سوئال - جاۋاب قىسمى باشلاندى. ئالدى بىلەن مىكروفوننى خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چېن ۋېيخۇئا ئالدى. ئۇ مۇئاۋىن مىنىستىر توم مالىنوۋىسكىدىن سىز يۇقىرىدا دىئالوگدا ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى دەپ ئۆتتىڭىز، خىتاي ۋەكىللەر نېمە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارمۇ سىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەڭلەرنى ئوتتۇرىغا قويدىمۇ؟ مەسىلەن مايكىل بروۋننىڭ ئۆلۈمى بولسۇن، فېرگۇسۇندىكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن. بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويدىمۇ، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرىنى ئاڭلامسىلەر، دەپ سورىدى.

بۇنىڭغا توم مالنىۋىسكى مۇنداق جاۋاب بەردى :

- مەن دىئالوگنىڭ بېشىدىلا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئامېرىكا تەنقىدلەرگە ھەرۋاقىت ئوچۇق. ئامېرىكا ھېچقاچان ئۆزىنى مۇكەممەل، دەپ باققان ئەمەس. گەرچە دىئالوگنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە بولغان بولسىمۇ، دەرۋەقە خىتاي تەرەپمۇ بىر قانچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. مەسىلەن، ئۇلار يېقىنقى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى مەسىلىسىنى، فېرگۇسۇن مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى. راس گەپ قىلسام بۇ ماڭا ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىندى. چۈنكى خىتاي ۋەكىللەر ھەممىسى «بىز ۋەقەنى تېلىۋىزوردىن كۆردۇق» دېدى. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ «ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانى دەل سىلەر تېلېۋىزوردا كۆرگەندەك. چۈنكى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى ۋەقە نەق مەيدانىدا باشتىن - ئاخىر تۇرۇپ ۋەقەنى سۈرەتكە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئەمما خىتايدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەندە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. مەسىلەن، تىبەتتە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ياكى باشقا جايلاردا بىر ۋەقە يۈز بەرسە ھېچكىم ئۇ يەرگە بارالمايدۇ. يەنە شۇنى سوراپ باقاي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مايكىل بروۋننىڭ ئادۋوكاتىنى قولغا ئالدىمۇ؟ ياكى بۇ يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنى ۋىدىئوغا، رەسىمگە تارتقانلارنى قولغا ئالدىمۇ؟»

توم مالىنوۋىسكى خىتاي مۇخبىرغا بېرىۋاتقان جاۋابىنى داۋام قىلىپ، خىتايدا يېقىندا نۇرغۇن ئادۋوكاتلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىدا ئۆلگەن بىر كىشىنىڭ داۋاسى بىلەن باشلانغانلىقىنى، ۋەقەنى سۈرەتكە ئالغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭمۇ كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئەرزنامىگە قول قويغان 159 ۋە باشقا ئادۋوكاتلارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى :

- شۇڭا مەن خىتاي ھەيئەتتىن سورىدىم، ئەگەر بىز بۇ يەردە ۋەقەلەرنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلغان بولساق ئۇ ھالدا نەتىجە نېمە بولاتتى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا يۈزلىنىۋاتقان رىقابەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. بىزنىڭ جاۋابىمىز ئېنىق. بىزدە خەلق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، قانۇنىي يوللار ئارقىلىق، ئاخبارات ئارقىلىق ۋە ئەركىن مۇنازىرە ئارقىلىق ئۇنىڭغا داۋا تاپىدىغان سىستېما مەۋجۇت. خىتايدا مەسىلە يارىتىۋاتقان نەرسە، دەل مانا مۇشۇنداق بىر سىستېمىنىڭ يوقلۇقىدىن بىز ۋاقتىمىزنىڭ كۆپىنى خىتايدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەشكە سەرپ قىلدۇق.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە ئېلىنىپ - ئېلىنمايدىغانلىقىنى سورىدى. مالىنوۋسكى بۇنىڭغا جاۋابەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ نۆۋەت ئامېرىكا - خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ يەردە گەرچە شى جىنپىڭ بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغان باشقا نۇرغۇن مۇھىم تېمىلار بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنىڭمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ باشقا نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كېيىن خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى سوئال سوراپ، بالتىموردا ۋە فېرگۇسۇندىكى ۋەقەلەردىن كۆرۈنگىنىدەك، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ نارازىلىقى بەك كۈچلۈكتەك تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل كەمسىتىشنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالماقچى، دەپ سورىدى. توم مالىنوۋسكى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى سىز ئادالەت مىنىستىرلىكىمىزدىن سورىسىڭىز تېخىمۇ تولۇق جاۋابقا ئېرىشەلەيتتىڭىز، لېكىن مەن بۇ قېتىمقى دىئالوگقا مۇناسىۋەتلىك قىسمىغا جاۋاب بېرەي. ھەر بىر جەمىيەتتە بۇنداق مۇرەككەپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك، بۇ مەسىلىلەرنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلىگە چىراق يېقىپ، زادى ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، ئاخباراتنىڭ مەسىلىنى دەخلى - تەرۇزسىز ئاشكارىلىيالىشى، قولغا ئېلىنىپ كېتەرمەنمۇ، دېگەن بېسىم بولماي تۇرۇپ ئاشكارىيالىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ھوقۇقىنى ئىزدەپ، مۇستەقىل بىر سوت نەتىجىسىگە ئېرىشىشى، ئادۋوكاتلىرىنىڭمۇ جازالىنىپ كېتىشىدىن قورقماسلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى قورقماي كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلالىشىدۇر. بۇ نەرسىلەر بولماي تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى قارار ئېلىشقا مەجبۇرلايدىغان جامائەت پىكرى شەكىللىنەلمەيدۇ. خۇددى بىز ئامېرىكىدا كۆرگەندەك يۇقىرىدىكى ھوقۇقلار ھەممىسى بىزدە مەۋجۇت تۇرۇپ بىز يەنە بىر قىسىم قىيىنچىلقىلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەمما، سەندە بۇ ئاساسىي ھوقۇقلارمۇ يوق بولسا، ئۇ ھالدا سەن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن سۆزمۇ ئاچالمايسەن. بىزنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزمۇ دەل ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدىكىدەك سىستېمىلاردىن مەھرۇم بولۇشىدۇر.