ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئورنى مۇھاكىمە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلماقتا (سولدىن ئوڭغا: ۋاڭ دەن، سوفىي رېچاردسون، جېيمىس مىللىۋارد، خۇ پىڭ). 2018-يىلى 17-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلماقتا (سولدىن ئوڭغا: ۋاڭ دەن، سوفىي رېچاردسون، جېيمىس مىللىۋارد، خۇ پىڭ). 2018-يىلى 17-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بولدى.

بەزىلەر بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنى «ئا ق ش پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا خاراكتېرلىك دىپلوماتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل ئىدىيە ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەن.

دەرۋەقە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشى ۋە خىتايدىكى «جوڭشىڭ» گۇرۇھىنىڭ ھالاك بولۇشقا تاس قېلىشى بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەمما بۇ جەرياندا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئىقتىسادىي توقۇنۇشلارنىڭ دولقۇنلىرى ئىچىدە ئاللىقاياقلارغىدۇر تاشلىنىپ قېلىش خەۋپى روشەنلەشتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئىككى ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىش ھەمدە بۇ ساھەدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «خىتاي دىئالوگى» ئاقىللار ئامبىرى 17-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا ئالدى بىلەن «خىتاي دىئالوگى» ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ۋاڭ دەن سۆز قىلدى. ئۇ ئادەتتىكى قېلىپلىشىپ قالغان مۇنتىزىم لېكسىيەدىن كۆرە مۇشۇ خىلدىكى ئەركىن سۆھبەت شەكلىدە داۋام قىلىدىغان مۇھاكىمىنىڭ كىشىلەرگە بەكرەك ياقىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئايدا بىر قېتىمدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا ئامېرىكىدىكى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن 1990-يىللاردىن باشلاپ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى دۇچ كەلگەن ئومۇمى ئەھۋاللارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھەر قاچان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش تەھرىرى خۇ پېڭ سۆز ئالدى.

ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-سودا ئۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قولىدا خىتايدا بولمىغان كۆپلىگەن كوزىرلار بولۇپ، خىتاي ھازىرچە بۇ ئۇرۇشتا ھېچقانچە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئەمما «ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىدىكەن». ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە دىكتاتورىلىق خاراكتېرىنى زادىلا ئۆزگەرتىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتىشىدىنمۇ ئۈمىد كۈتۈش ھاجەتسىزلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسان ھەقلىرى قارتىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوبدان ئوينىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللاش ھەرىكىتى بىر قېتىملىق خاتالىق بولغان. چۈنكى ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە باي بولۇپ، دۇنياۋى تەرتىپكە قوشۇلۇپ كەتسە دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھازىر پۇل تاپقان بىلەن «دېموكراتىيە» ۋە «ئىنسان ھەقلىرى» نى تېپىپ بولالمىغان. خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سودا ئۇرۇشىنى بىر قېتىملىق پۇرسەت دەپ بىلىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى، بۇ ئۇرۇشتا ئىنسان ھەقلىرى قارتىسىنى ئويناش ئارقىلىق خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشنى ئىستىسە چوقۇم ئىنسان ھەقلىرى قارتىسىنى ئوينىماي بولمايدىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندىدىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئالىملاردىن تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋارد سۆز ئالدى.

ئۇ نۆۋەتتە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ كونا تېمىلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما سودا ئۇرۇشىدەك بۇ يېڭى ماۋزۇ بىلەن بۇنىڭ زىچ باغلىنىشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ مەسىلىدە خۇ پىڭنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينى ئېلىپ كىرىشنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئۈچۈن سىناق بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيانقى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنىڭ «قورال» ئەمەس، بەلكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا «تۈرتكە بولغۇچى ئامىللار» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا سىياسىيونلىرىمۇ سايلامنىڭ ئالدىدا ھەرقاچان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قانداق قاتتىق قوللۇق قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلىگەن ھەمدە قارشى تەرەپنى بۇ مەسىلىلەردە قاتتىق قول بولالمىغانلىقتا ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۇلار سايلامدا يېڭىپ چىققاندىن كېيىن بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئاجىز كەلگەن. شۇڭا نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشى ئۆتمۈشتىكى ئەھۋاللارغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم سودا پائالىيەتلىرىگە باغلايدىغان بىر قېتىملىق پۇرسەت، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، سودا مۇناسىۋەتلىرى نۆۋەتتە ھاسىل بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە تەبىئىي رەۋىشتە سىياسىي تۈزۈلمىگە چېتىلىپ قالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامىلىشى، سىياسىي ئەركىنلىك دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمىغان ۋە زىيانكەشلىك ھەممىلا يەرنى قاپلىغان جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەردىن سوئاللار سورالدى. شۇ قاتاردا بىز «بۇ قېتىمقى سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بىر مۇھىم مەزمۇنغا ئايلانسا، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دەپ سورىدۇق. پروفېسسور مىلۋارد بۇنىڭغا قارىتا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى سۆھبەتتە بىر مۇھىم مەزمۇن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقسا بۇنىڭ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە پايدىلىق بولۇشىدىن گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قايسى دەرىجىدە ئىشقا ئېشىشىغا ھازىرچە بىرنەرسە دېمەك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالاقىدار شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي دىئالوگى» ئاقىللار ئامبىرى 1989-يىلىدىكى «خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېموكراتىيە ھەرىكىتى»نىڭ باشلامچىسى بولغان ۋاڭ دەننىڭ باشلامچىلىقىدا 2018-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى قۇرۇلغان. ۋاڭ دەن مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ قۇرۇلۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى»نىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۇنجى ئاقىللار ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت