دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «27-ئاپرېلدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ۋە سان-فرانسىسكو شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشتىن كېيىن ئۇلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە نامايىش تەشكىللىگۈچىلەردىن قەلبىنۇر خانىم، 27-ئاپرېل كۈنى چىكاگودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىگە 3 يىل بولغان ئىكەن. ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا يۇرتى ئاقسۇدا ئىككى تاغىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئۇ يېقىندا يەنە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
قەلبىنۇر خانىم ئۆزىنى ۋە چىكاگو ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى چىكاگودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئېلىپ كەلگەن كۈچنىڭ يۇرتلىرىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلىش ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
27-ئاپرېل كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.
كالىفورنىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇمارىس خانىم بىلەن مەمەت ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سان-فرانسىسكو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش يۈزىسىدىن «شىمالىي كالىفورنىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىش گۇرۇپپىسىدىكى پىدائىيلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئىكەن.
تۇمارىس خانىم 27-ئاپرېل كالىفورنىيەنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 15-مارتتىكى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ، ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يۇرتىدا ئازاب تارتىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نامايىش تەشكىللىگۈچىلەردىن «شىمالىي كالىفورنىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزاسى مەمەت ۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كالىفورنىيەدە تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات ۋە تەكلىپلەرنى تەييارلاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كالىفورنىيە شتاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00