خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

6-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى، مەزكۇر ساقچى دۆلىتىنىڭ ھازىر ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشى لازىملىقىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كاتتون ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ياخشى خەۋىرى بولغان مۇشۇنداق بىر سىياسىي ئەربابنىڭ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشى مەزكۇر مۇھاكىمىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. توم كاتتون نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر ئىجرا بولۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قايسىي دەرىجىدە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە يەر ئاستى بايلىق ماكانى بولغان بىر رايوندا ياشاۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ھاكىممۇتلەقلىقنى دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمىلى تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى» دېدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان سام، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋەكىلى كېللېي كۇررىي قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش مەسىلىسىدە قانداق قىلىپ ئەمىلى ھەرىكەتكە قوزغاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىدىن بۇ مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە بەس-بەستە سوئال سورىدى. يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكى ئارقىلىق يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللارغا چۈشەنچە بېرىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەزى مۈجمەل قاراشلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.