ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادا بارغانسېرى كەڭ مىقياستا بىلىنىشكە باشلىغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتىدا مۇشۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر مەيدان يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىدەك رېئاللىقنىڭ ئەمدىلىكتە ئەركىنلىك ، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان غەرب دۇنياسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەشكە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كاتتون تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىككە تويۇنغان جەمئىيەتلەر ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارەت سىستېمىسى ئۈستىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتى پۈتكۈل پۇقرالارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىغىچە نازارەت ۋە كونترول قىلىشتەك ئەھۋالنىڭ ئەينەن تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي كومۇنىزىمىنىڭ بۇ خىلدىكى زۇلۇمىنى ئۇيغۇرلاردىنمۇ بەكرەك تارتقان باشقا بىر خەلقنىڭ يوقلىغىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئاز دېگەندىمۇ 800 مىڭدىن بىرنەچچە مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ گۇلاگ شەكلىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەچ لاگېرلاردىكى قاباھەت، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان چوقۇنۇشقا يەڭگۈشلەش ئۇرۇنۇشىنى يىغىن ئەھلىگە جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتاۋاتقان خىتايدىكى ئەڭ باي، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ رايوننىڭ «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىسىدىنلا بۇ ماكاننىڭ ھازىر قانداق سىياسىي مۇھىتتا مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ نەنسى پلوسى، براد پىت، خاررىسون فورد قاتارلىق سىياسىيونلار ۋە ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تىبەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا جامائىتىگە خېلى بالدۇرلا ئاڭلىتىلغانلىقىنى، ئەمدى بۇ داڭدار زاتلارنىڭ ئوخشاش زۇلۇمنى ھەسسىلەپ تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىدىغان پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» بەرپا قىلىش نامىدا «تەربىيەلەش لاگېرى» نى يېڭى مودېل سۈپىتىدە دۇنياغا «ئېكسپورت» قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قاباھەت سەۋەبىدىن ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ «يېشىل كارتا» سىنى ئالغان خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا بەند قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئاشۇ كىشىلەردىن باشقا خوڭكوڭ ۋە روسىيەدىكى ئاھالىنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئاللىقاچان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن بىر يېڭى خىرىس بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ نۆۋەتتە ئۆزى ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىىتنىڭ پۈتۈن دۇنيانى بىر چوڭ بالايى-ئاپەتكە گىرىپتار قىلىشنىڭ قەستىگە چۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ماھىيەتتە كومۇنىزىمىنىڭ رەزىللىككە تولغان «ھەقىقەت» لىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دۇنيا «ئىزچىل» ۋە «ئۈنلۈك» يوسۇندا سۆز قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىڭ رىياسەتچىسى ئېرىك براۋن سۆز ئېلىپ، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى. ئاندىن بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن بىرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال پاجىئەسى» نىڭ 22 يىللىق خاتىرىسىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەچ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئەسلەپ چىقتى. جۈملىدىن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇش نامايىشىنى تەشكىللىسە ئۇلارغا ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتىن قوغلاش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ھازىر بولسا نامايىش قىلىش تۈگۈل، ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن ئۆلچەمدىن سەل باشقىچە خىيال سۈرۈپ بېقىشنى ئويلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسەت ۋە كونتروللۇقنى قايسى دەرىجىدە كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تەدرىجىي ھالدا يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ قانداقتۇر يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە بوشاشماستىن ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش تەدبىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئەمدى ئۇيغۇرلار دىيارىغا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بۇ خىل رەزىللىكنى توسۇش ئۈچۈن ئەمىلى ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ تەشكىلاتلار، جۈملىدىن ب د ت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ «ھەققانىي» ھەرىكەت شەكلىدە پەردازلىشى توغرىسىدا گەپ بولغاندا بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن ئا ق ش نىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋەكىلى كېللېي كۇرىي خانىم خىتاينىڭ بۇ قېتىممۇ كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ دەسلەپ 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر قامالغان لاگېرلار مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى دۇنيادا ئاۋام پۇقرالارنى ئەڭ زور ساندا قاماققا ئېلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ بۇ لاگېرلارنى پەردازلاشقا ئۆتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام ئەللىرىنى ئاساس قىلغان 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ «لاگېرلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش» ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ «تېرورچىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئورنىغا ئۇلارنى تەربىيەلەش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قاتار يالغانلارنى تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كېللېي كۇررىي خانىم بۇنىڭغا ئۇلاپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئالداش ئۈچۈن بىر قاتار يالغانلارنى بازارغا سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنچە كۈلكىلىك بولغان بۇ يالغانلارنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىلاجىنىڭ يوقىدىن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، بۇ جەھەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۆت چوڭ خاتا قاراشنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا ئىشەنمەسلىك لازىملىقىنى، چۈنكى بۇ لاگېرلارنىڭ «مەكتەپ» كە ئەمەس، بەلكى ئەڭ ۋەھشىي تۈرمىلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ لاگېرلارغا سولانغانلار ئارىسىدا شۇنچە زور ساندا ئالىي مەلۇماتلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يالغانلىرىغا ئىشەنمەسلىك لازىملىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە جىنايەتكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ زۇلۇمى ماھىيەتتە ئەسەبىيلىككە زېمىن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتى ئەمەلىيەتتە لاگېرنىڭ ئىچىدىكىلەردىن پەرق قىلمايدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر ئومۇمىي رېئاللىق بەش قولدەك ئايدىڭ بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە بۇ خىل قەبىھ قىلمىشقا قارىتا ئورتاق چارا قوللىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشىغا ماس ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان «يۇمشاق» شەكىلدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان سام مۇھىم پىكىرلەرنى قىلدى. ئۇ لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەرەققىياتى سۈپىتىدە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى چارىسى ئۈچۈن «تۇغقان بولۇش» نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەكتىن تارتىپ ئۇخلاشقىچە بولغان بارلىق خۇسۇسىي پائالىيەتلەرنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن خوڭكوڭ ۋە نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىن ئۆمەكلەر ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردا بولسا نۆۋەتتە مەجبۇرىي شەكىل ئالغان ھەقسىز ئەمگەكلەرنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە قانداق قىلغاندا دۇنياۋى مىقياستا بىرلىككە كەلگەن «ئىتتىپاقداشلىق» ھاسىل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى چەكلەشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن ئاخىرىدا تاماشىبىنلار ئۆزلىرى قىزىققان تېمىلار بويىچە بەس-بەستە سوئاللار سورىدى. مېھمانلارمۇ سوئاللارغا تېگىشلىك جاۋاب بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە دىپلوماتلار قاتناشتى.
0:00 / 0:00