ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى 2018-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ئالاھىدە ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 10-ئۆكتەبىر كۈنى 2018-يىللىق دوكلاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ يىللىق دوكلاتمۇ ئۆتكەن مەزگىللەرگە ئوخشاش خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ساھەسىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بۇ دوكلاتتا يىگىرمە بەتلىك ھەجىمدە بېرىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەزكۇر يىللىق دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان بارلىق خادىملارغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان 2012-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ زۇلۇمنى، كىشىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىشنى ھەمدە ياۋۇزلۇقنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماستىن دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىيات، سودا، ئىنتېرنېت ۋە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ماركو رۇبىيو سۆزىنىڭ داۋامىدا 2018-يىللىق دوكلاتتا تەكىتلەنگەن ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ يىللىق دوكلاتتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىرىنچى نۇقتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم سىياسىتى شەكلىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە سودا ساھەسىنى قاتتىق مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى بولۇشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ قوللىنىلىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا ماركو رۇبىيو يىغىن زالىغا ئېسىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى، ئۇنىڭدىكى بىر تۇتاش فورما كىيىپ ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇرۇپ سىياسىي تەشۋىقاتنى ئاڭلاۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى تۇتقۇنلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ئارقامدىكى بۇ رەسىم ئاتالمىش ‹سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نىڭ بىرى. بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ھازىر مۇشۇنداق مەركەزلەردە ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشاش سولاقتا» دېدى.

دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى مۇشۇ يوسۇندا چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ماركو رۇبيو ئۆزى باشلىق بىر تۈركۈم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ سۇنماقچى بولغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەقلىرى ھەرىكىتى» نامىدىكى قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشىنى باشلايدىغانلىقىنى، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنى باستۇرۇشنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى باھالاش توغرا كەلسە بۇ يىلقى دوكلات ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە بۇ ھالنى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ تەسۋىرلەشكە ياكى «ئىلگىرى ناچار ئىدى. شى جىنپىڭ چىققاندىن بۇيان تېخىمۇ ئوساللىشىپ كەتتى» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن كرىستوفېر سىمىت خىتايدىكى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نىڭ دەپسەندە بولۇشى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ يىغىن زالىدىكى لاگېرنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكىنىچە بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيناققا، ئۆلۈمگە ۋە كۆپ خىل ياۋۇزلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ 2018-يىلى يانۋاردا ماركو رۇبىيو بىلەن بىرلىكتە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي دىققىتىگە سۇنغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا جىددىي مۇئامىلىدە بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۆۋەتتە 37 تۇغقىنىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكى، شۇلار قاتارىدا گۈلچېھرە خوجا ئائىلىسىگە چېتىشلىق 23 كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە بىز رەئىس ماركو رۇبىيودىن «بۇ دوكلاتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلگەن مەزمۇنلار ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ ۋاقتى بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن؟» دەپ سورىدۇق. ماركو رۇبىيو بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مەن سىزگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، بىز ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتتۇق ھەمدە شۇنىڭغا تىرىشىۋاتىمىز. ئالاقىدار تارماقلارغىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى مەلۇم قىلىپ ئاشۇ خىلدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› بويىچە جازالاش لايىھىسىگە كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز. ئۇنىڭدا بۇ كىشىلەرگە ۋىزا بەرمەسلىك ياكى ۋىزىسىنى بىكار قىلىش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مال-مۈلكىنى ۋە بايلىقىنى توڭلىتىش دېگەنلەرنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ ئىشلارنىڭ رەسمىي تۈردە ئەمەلگە ئېشىشىغا بىرئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەمما بىز مۇشۇلار ئارقىلىق تېگىشلىك ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەمدە شۇنىڭغا قاراپ سىلجىشقا ئۈمىد تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ جايدا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا مەۋجۇت: ئۆتكەن ئۈچ ئايغا قارايدىغان بولساق دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىدە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىش مەنزىرىسى ھاسىل بولماقتا. بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىنى مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. ھازىر بولسا ئۇلارمۇ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە بارا-بارا بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھال دۇنيانىڭ بۇ ئەھۋاللارنى چۈشىنىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىنسانلارنى قوغداشتا بەكمۇ مۇھىم بىر قەدەم. ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كەلسەك، مەن ۋە كىرىستوفېر سىمىت ئىككىيلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاشۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغۇچى شەخسلەرنى جازالاشقا جىددىي دەۋەت قىلىۋاتىمىز. بىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پات يېقىندا ئاشۇ نىشان بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋارمىز.»

يىغىن ئاخىرىدا بىز بۈگۈنكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىققا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۈگۈنكى يىغىنغا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم يۇغىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.