ئۆز ئانا تىلىغا ئىشتىياق باغلىغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىدە «قانۇنسىز ئىئانە توپلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇيغۇربىز تور بېكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر بىر قىسىم ياپونلارنىڭ ياردىمىدە ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ 13 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان تىۋېتېر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ كەڭ ئەزالارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ياپونلار يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بىر قىسىم ياپونلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ باردۇق.
ئالدى بىلەن مەزكۇر خەۋەرنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئۇچىئۇمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن تىۋېتېر تور بېكىتىدىن تۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدىكى بۇ خەۋىرىنى «خىتاي تىلىدىن كىم ئىختىيارى ھالدا بۇ خەۋەرنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىلتىماسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ بەردىم. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى دائىم تىۋېتېر تور بېكىتىدىن كۆرۈپ تۇرىمەن. يالغۇز ئۇيغۇر مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى تىبەت مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ ھەم. مەن ئون يىل ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ۋېيگۇڭسۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەنلىرىنى، نانلىرىنى كۆپ يېگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان ئىدىم.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن توكيودا ئولتۇرۇشلۇق يوكوياما خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ياشلارنىڭ بىگۇناھ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
يوكوياما خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوللىغان نارازىلىق خېتىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:
جۇڭگو ئەلچىسىگە،
مەن ئىلگىرى سىزنىڭ مەملىكىتىڭىزگە ساياھەتكە بارغان ئىدىم. جۇڭگونىڭ بۈيۈكلۈكىنى كۆرۈپ، كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلىپ، بۇ دۆلەتتىن تولىمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم.
مەملىكىتىڭىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلاردا بولغان ئىدىم. مەن سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنى تولۇق چۈشىنىمەن ۋە شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن ئوبدان بىلىمەن.
مەن سىزنىڭ مەملىكىتىڭىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن يەنى يېقىندىن بۇيان ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قاراش ۋە ئىدىيىلەر جۇڭگودا جىنايەت ھېسابلىنىدۇ؟ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بۈيۈك مىراسى. ھەربىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئەخلاقىنى ساقلىشى كېرەك. شۇڭا ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىپ، ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
باش ئەلچى، يېقىندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى سىلەرنىڭ ئارمىيەڭلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بەلكىم ئۇلار ھۆكۈمەتكە قارشى چىققاندۇر. شۇڭا ئەسكەرلەر خەلقلەرنى ئاسانلىقچە ئۆلتۈرۈۋېتەلىگەن. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال. بىز يۇتۇبدىن ئۇلارنىڭ قانداق ئېزىلىپ، قانداق قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ تولىمۇ پاجىئەلىك بىر ئەھۋال.
باش ئەلچى، سىزنىڭ دۆلىتىڭىز تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي كۈچلۈك، ئىقتىسادتا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەملىكەت. ئېتنىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدەك ئەخلاقى بولغان بىر مەملىكەت ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەس.
مەن سىلەرنىڭ سىياسىتىڭلارنى ئۆزگەرتىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەممىمىز سىزلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز.
مەن سىزنىڭ ۋەتىنىڭىزنىڭ تىنچ بولۇشىنى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: يوكوياما
توكيو
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يوكوياما خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن 20 يىل ئاۋۋال دۇڭخۇاڭ ۋە ئۈرۈمچىلەرگە ساياھەتكە بارغان ئىدىم. قىسقا ۋاقىتلىق بۇ زىيارىتىمدە ئىسلام مەدەنىيىتىگە زىچ تولغان بۇ زېمىننىڭ پەقەتلا جۇڭگو ئەمەسلىكىنى، باشقا بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇنداق ئىسلامىي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن بىللە ياشىشى تەس ئەمەسمىدۇر دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۇ قېتىم تىۋېتېر تور بېكىتىدىكى تۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ توغرىسىدىكى خەۋىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىشىم.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەسىلىسىدە توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يوللىغان ئوكىناۋالىق ناكامۇرا ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يوللىشىدىكى سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن ئىلگىرى ئىلھام، تۇرمۇھەممەتلەردىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ۋە پىكىرلەشكەن ئىدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا زۇلۇم سېلىپ قالماستىن، بەلكى مېنىڭ يۇرتۇم ئوكىناۋاغىمۇ ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى كېلىپ تەھدىت سېلىپ تۇرىدۇ. جۇڭگوغا بولغان قارشىلىقىمنى بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەسىلىسىدە ئۆز نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈپ خەت يازدىم.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.