چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، كېلەر ئايدا سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىسمىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز بايانلىرىدا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ئانا تىلى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتقان جىنايەتلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۈچەيلەننىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوت ئېچىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىقلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇشتىرىلىرىمىزدىن بىرقانچە كىشى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇللارنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدا سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىسمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بۇ بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ بولغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ھەر بىر ئۇيغۇررنىڭ، مەيلى ئۇ ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، ئۇلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەلۇم بىرىدە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى، ئامېرىكىدا قېلىپ ئىشلەش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىش يولىنى تاللىغان گۈلەن ئەپەندى ۋە تورلاردىكى نادىر يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان دىليار ئەپەندىلەرگە چەكسىز ھۆرمىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇندىن 4 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن بۇيان، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن غەشلىكتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
-ئەينى چاغدا گۈلەن ئەپەندىلەر «ئۇيغۇر ئانا تىلى شىركىتى» نى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغىنىدا، پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل مائارىپى تەربىيىسىگە ئىگە قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ۋەتەندىكى ئىقتىسادىي يار بەرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قايىل بولغىنى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈنلا، «ئانا تىل شىركىتىگە مەبلەغ توپلاش چاقىرىقى» چىققاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىنلا ئاكتىپلىق بىلەن مەبلەغ توپلاشقا قاتناشتى. تور بېكەتلىرىدە بولسا گۈلەن ئەپەندى ۋە دىليار ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئانا تىل تەشەببۇسى ھەر بىر تورداشنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇيغۇر ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن كىشىنى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە قەدىرلەيدۇ-دە.
بۇ ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-ئەينى چاغدا مەنمۇ ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن گۈلەن ئەپەندىگە ئوخشاش ۋەتەنگە قايتىپ خەلقىم ئۈچۈن، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيمەن دەپ ئىرادە قىلغان ۋە بۇ ئارزۇيۇمنى ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان ئىدارىدىكى باشلىقلارغا خەت يېزىپ بىلدۈرگەن ئىدىم. ئەمما بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى گۈلەن ئەپەندىگە ئوخشاش بارلىقىنى يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان زىيالىيلارنىڭمۇ بۇ خىل يوقىلاڭ باھانىلەردە قولغا ئېلىنىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. ھازىر چەتئەللەردە ماڭا ئوخشاش ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا يۇرتىمىزدا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ماكاندا ئىشلەشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياشلار نۇرغۇن، لېكىن يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەر خىل يامان قىسمەتلەرگە يولۇقۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، 7-ئايدا تۈركىيەدە ماگىستىر ئاسپېرانتىدا ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن تۇتقۇن قىلىنىپ 79 كۈندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلمەي رېجىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىستانبۇلغا قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. 20-ئاۋغۇست تۇتقۇن قىلىنغان گۈلەن ئەپەندىنى ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم، ئەمما ھازىر كېلەر ئايدا ئۇنىڭمۇ سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىدىم. يېقىندىن بۇيان بۇنداق خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ خەۋەرلەر ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسىدا ئوتتەك يېنىۋاتقان مېنىمۇ ۋەتەنگە قايتىش ئىرادەمدىن تەۋرىتىپ قويۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى قەيسەر مىجىت ئەپەندى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يازمىلىرىنى توردىن ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۈلەن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان«ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسى»نىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يۈزمىڭلىغان، مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ئىستەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قەيسەر ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەر خىللىرى دەپ تەرىپلىنىپ، خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ، قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى، گۈلەن ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاراتقان تەقىب قىلىش ۋە باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى تۆكۈۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، دىليار ئەپەندى ۋە مۇھەممەت سىدىق قاتارلىق زىيالىيلارغا، «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىشقا ئۇرۇنۇشىنى «قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان تۆھمەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قەيسەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دائىرىلەر ھازىر گۈلەن ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلىتىگە ھېچ سىغىشمايدىغان، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىگىمۇ چۈشمەيدىغان، تۆھمەت خاراكتېرلىك «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى» دېگەن يوقىلاڭ بەدنامنى ئارتىپ، ئۇلارنى جازالاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالغا ئىقتىسادى تىجارەتتىن ئازراقلا خەۋىرى بار ھەرقانداق بىر كىشى دىققەت قىلالايدۇ ۋە بۇ قىلمىشنىڭ ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تىجارەت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. چۈنكى گۈلەن ئەپەندىلەر قۇرغان«ئانا تىل شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ مەبلەغ توپلاش ئىشىمۇ، ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تىجارىي قانۇنلارغا ئۇيغۇن. ئەمما مۇشۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ھازىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سەرخىللىرى بىھۇدە تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ.»
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار قولغا ئېلىنغان تۆت ئايدىن بۇيان، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بەزى ئاتاقلىق خىتاي ئادۋوكاتلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنىڭ قىسمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر خىل ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.