«ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى قانداق تۇتقۇن قىلىنغان؟

0:00 / 0:00


يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىق قاتارلىق ئانا تىل مائارىپى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا توپ - توغرا 6 ئاي تولىدۇ.

ئاز كەم 6 ئايدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا، بالا - چاقا ۋە ئائىلە ئەزالىرى، دوست - بۇرادەرلىرى شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇر كۈتمەكتە؛ ئۇلارنىڭ نامەلۇم تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانماقتا.

ۋەھالەنكى، خىتاي ساقچى ئىدارىلىرى ياكى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بولسۇن ۋە ياكى قانۇن - سوت ئورۇنلىرى بولسۇن تۇتقۇنلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ھەتتا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتەك ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا مۇناسىۋەتلىك قانون - بەلگىلىمىلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئالاھىدە جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ۋاقىت چېكى ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغاندىمۇ 3ئاي بولىدۇ. بۇ چەكتىن ئاشقاندا يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش ياكى 6 ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئالىي سوت ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ رۇخسىتى بولۇشى كېرەك.

بىر ھەپتىدىن كېيىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 6 ئاي توشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىق قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ پات ئارىدا سوتلىنىشى ياكى ئائىلىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىلىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇ تەرىپى تېخى ھازىرغىچە قاراڭغۇ.

2012 - يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قەشقەردە «نۇرخان ئانا تىل مەكتىپى» نى قۇرۇپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىل مائارىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى خەلق ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ئىدى. 2013 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى بىلەن ئانا تىل ئىنقىلابى ئۆزىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، شۇ يىلى 20 - ئاۋغۇستتا ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بۇ بىر مەيدان داغدۇغىلىق خەلق ھەرىكىتى پەسكويغا يۈزلىنىدۇ.

بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەرنىڭ پۈتكۈل تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەن ئىچىدە بۇ تېما ھەققىدە بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەر، تالاش - تارتىشلار ھەمدە جامائەت پىكىرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر بارلىق ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى ساقلاپ كەلگەن.

نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ياش مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.