2-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئاتچان يېزىسىغا تەۋە 4 كەنت ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئالاھىدە ئېغىر ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گەرچە ئاپەت ھەققىدە تولۇق خەۋەر تارقاتمىغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، تور بەتلەردە بېرىلگەن رەسىملىك ئۇچۇرلاردىن چىقىمنىڭ ئېغىرلىقى، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاجلىقى ئايان بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بەس-بەس بىلەن دەرھال ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ياردەم قىلىشقا ئاتلانغان. بىز ئاممىۋى ئۇچۇر بەتلىرىدە بۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ياردەم خىزمەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەنلىك خەۋىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاجلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، رەسىملەر ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ۋە باشقا تور بەتلەردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كەڭ تارقىتىلدى. قارا قىشتا ئۆي-ماكانسىز قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن. بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە قىزغىن ئاۋازغا ئېرىشكەن ۋە ئۈرۈمچىدىن ھالقىپ، تۇرپان، قۇمۇل، مايتاغ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەرگىمۇ يېتىپ بارغان. ساخاۋەتچى كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى، ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى خالىسانە ئۈستىگە ئېلىپ بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن. بىز بۇ خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئاپەت رايونىغا ۋاكالىتەن ياردەم بۇيۇملىرىنى يىغىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ساخاۋەتچىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساخاۋەتچىلەردىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يار، بۇرادەرلىرى ئارىسىدا باشلىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن زورىيىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ ئۆزلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، تېلېفونىنىڭ توختىماي سايراۋاتقانلىقىنى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، ئۇن-ياغ قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بارلىقىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ تەخمىن قىلالمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 7.3 بالدىن ئىبارەت خېلى ئېغىر بىر يەر تەۋرەشنى ناھايىتى ئاددىيلا بىر خەۋەر ئارقىلىق ئېلان قىلدى. ئۇلار خەۋىرىدە ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئاپەتتىن كېلىپ چىققان چىقىم قاتارلىق ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان رەسىملەردە چىقىمنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى مەۋھۇم. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مانا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قىزغىنلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزىگە-ئۆزىگە ياردەم قىلىش خاھىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئارتقانلىقىنى بايان قىلىشتى.
يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى تۇيغۇن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەمدى كۆزى ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.