1- ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، 1949-يىلىدىن كېيىن بولۇپمۇ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇنىڭ ئەكسىنى دەپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارىتا قانداق ئىنكاسلاردا بولدى؟
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈنۈگۈن يەنى 1-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى تۇيۇقسىزلا «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن :«خىتاي 1955-يىلى شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى. خىتايدا 1978-يىلى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، جەمئىيەت ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى، ئاياللار-بالىلار، مەجرۇھلار ھوقۇقى قاتارلىق 8 نۇقتىدا ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ، يۇقىرىدىكى ھوقۇقلارنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ھوقۇقلار قىسمىدا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئاممىىسنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىپ، خەلقنىڭ نورمال دىنىي تەلەپلىرى قاندۇرۇلدى» دېگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرئان - كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدىكى ئىسلام دىنى تور بېتى قۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى يۇقىرىدىكى سۆزىگە ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى : «دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن راستىنى دېسەم كاللامغا تۇنجى بولۇپ كەلگىنى-خىتايدا بىز بىلمەيدىغان باشقا شىنجاڭمۇ بارمىدۇ، دېگەن سوئال بولدى. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرگەنلىرى مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي تەلەپلىرى قاندۇرۇلۇپ كەلدى دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتنى قىلچىلىكمۇ ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. مەنچە، بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە قارىغاندىمۇ ساختىپەزلىك ۋە غۇۋالىق بىلەن تولغان، يەنە كېلىپ بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىتلار بىلەن يۈزلىشىشنى قىلچىلىكمۇ خالىمايدىغانلىقى، خالىمىغان نەرسىسىگە جاۋاب بېرىش مەيلىنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆرۈنەرلىك بىر دوكلات.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىيام نى ئەپەندىمۇ بۈگۈن «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، ئاق تاشلىق كىتابنى رىئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان، دەپ باھالىغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام دىنىدىكى ياغلىق چىگىش، ساقال قويۇش دېگەندەك ئادەتتىكى سىمۋوللارنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقىنى، 18 ياش ئاستىدىكىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتىنىڭ مەدەنىي ھوقۇقلار قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : «مىللىي تىل-يېزىق شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى 13 نەشرىياتتا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىزغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل-يېزىقتا كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرى نەشر قىلىنىدۇ. 110 خىل گېزىت ئاشكارا تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 52 خىل... ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى قەرەللىك ژۇرنالدىن 120 خىلى بار شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدا 15 يۈرۈش رادىيو پىروگراممىسى ئاڭلىتىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدىكى 12 يۈرۈش تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى بار...»
بىراق، ۋىللىيام نى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»گە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكىگە قارشى چىقىپ « خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا كىتاب-ژۇرنال، رادىيو-تېلىۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىدىن سۆز ئاچماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن ئىپادە قىلغانلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىدىن سۆز ئاچماپتۇ» دېگەن.
سوفى رىچاردوسون خانىم بولسا، سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئاق تاشلىق كىتابتا بالىلارغا خالىغان ئىسىم قويۇشنى چەكلەش مەسىلىسى، پاسپورت ئېلىشقا قويۇلغان چەكلىمىلەر ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشىنى چەكلەش، ئۆكتىچى پىكىرلەر ۋە نامايىشچىلارغا قوللىنىۋاتقان زوراۋانلىقلاردىن سۆز ئېچىلمىغان. جۈملىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر دوكلاتتا يوق.»
بۈگۈن يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى باشلىقى تى كۇمار ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۈز بېرىۋاتقان تۇرۇغلۇق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز بۇ پۇرسەت ئارقىلىق شۇنى ئېيتىمىزكى، بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدۇ. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈپ دەلىللەپ چىققان.»
تى كۇمار ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇنداق سىياسەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى : «بىز بۇ پۇرسەت مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز. بولۇپمۇ رامىزان مەزگىلىدە ھازىر دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا خالىغان ئىسىمنى قويۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمان قىلىشى كېرەك»
خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى» تەتقىقاتچىسى فىرانچىس ئېۋ «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»گە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىدۈرۈپ «ھۆكۈمەت رايوندا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى نامى ئاستىدا قورال كۈچىنى ئاشۇرماقتا. ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئەركىن سۆزلەش، دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرى، يىغىلىش قىلىش ئەركىنلىكى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىنماقتا» دېگەن.
بۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خەلق گېزىتى «ئاق تاشلىق كىتاب» ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئوبزورىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئوچۇق ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن، ھەمدە سەمىمىي ھالدا دۇنياغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەتراپلىق شەرھىلىگەنلىكىنى كۆككە كۆتۈرگەن «ئاق تاشلىق كىتابتا ئىپادىلەنگەن بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار، بىر قاتار ئۆزگىرىش ۋە نەتىجىلەر بىزگە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا نامايان بولغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولۇق بەھىرلىنىۋاتقان ئىززەت-ھۆرمەت، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۆرسەتتى» دەپ بايان قىلغان. ئەمما سوفى خانىم بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق رىئاللىقنى، تارىخنى بۇرمىلاپ، ئەمەلىيەتنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بىز رايوندا بولۇۋاتقانلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن، دوكلات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتە قىلىشتىن توختاپ قالمايمىز» دېدى.