ئاقتۇ ناھىيىسى بىر يىل ئىچىدە 68 ساقچى پونكىتى بىلەن تورلاشتۇرۇلغان

0:00 / 0:00

ئاقتۇ ناھىيىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى تورى ئەڭ كۈچەيتىلگەن چېگرا ناھىيىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىن گېرمانىيەلىك سىياسىي ئانالىزچى ئاندرېئان زېنز قەيت قىلغان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كۆرۈنۈشىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پىلال ۋە ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىملار ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيىسىدە جەمئىي 60 ئورۇندا ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق» ساقچى قاراۋۇلخانىسىنىڭ، 8 ئورۇندا يول ئېغىزىنى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەر بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىر بولۇپ، ھەر بىر قاراۋۇلخانىدا 25 تىن 35 كېچە ساقچى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىكەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 110 باش قوماندانلىق مەركىزىگە 120 نەپەر ئوغۇل، 40 نەپەر قىز بولۇپ، جەمئىي 160 نەپەر ساقچى تېلېفونىست قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال ساقچىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالدىنقى يىللاردا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ساقچى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خېلى كۆپ خىتاي ساقچىلار خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كەتكەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئاقتۇ ناھىيىسى بۇ يىل 600 نەپەر ساقچىنى يەرلىكتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نىشانلىق قوبۇل قىلغان ئىكەن.

مەزكۇر ئايال ساقچى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «2015-يىلىدىن بۇيان ناھىيىدە مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىدىغان سان بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈۋاتقان ئوغۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ياردەمچى ساقچىلىققا جەلپ قىلىندى، ئەمما ئالىي مەكتەپ ياكى ئالىي تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن قىزلار خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي ئىشسىزلىق كۆپەيدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئاقتۇ ناھىيىسى ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەمىنلىدى. گەرچە بىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش بىر سىستېمىدا، ئوخشاش بىر خىزمەتنى ئىشلەۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن مائاش پەرقىمىز بەك زور. ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋال بىر قىسىم يەرلىك ساقچىلار ئارىسىدا "ئادالەتسىزلىك" ھېسسىياتىنى قوزغىشى ئېنىق، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا ئامالىمىز يوق.»

ئۇ يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىكى خىزمەت شارائىتى ياخشى بولغان قاراۋۇلخانىلار بىلەن چارلاش ئەترەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىدىكى مەزكۇر ئايال ساقچى ئاخىرىدا ئاقتۇ ناھىيىسىدە ھازىر مەۋجۇت بولغان 60 ئورۇندىكى ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق» ساقچى قاراۋۇلخانىسى بىلەن 8 ئورۇندىكى يول ئېغىزىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان ساقچىلار ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىۋاتقاندا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزىدىن ئاگاھلاندۇرۇش تېلېفونى كېلىپ، قىزىق لىنىيە كېسىۋېتىلدى.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئاندىرېئان زېنز بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھەر بىر جايدا تەكشۈرۈش ئوبېكتى قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قول تېلېفونلىرى تارتىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. سىز تىبەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا قەيەرگىلا بارماڭ، ھەر قەدەمدە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا يولۇقىسىز. ئەلۋەتتە، ساقچىلىق خىزمىتى ئادەتتىكى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. قارىشىمچە، ھازىر رايوندا تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئىش توختامى غەيرىي-نورمال شەكىلدە بولۇۋاتىدۇ، ساقچىلىققا ياللانغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىمۇ غەيرىي-نورمال... قىزىقارلىقى شۇكى، رايون پەرقى ياكى ئوخشىمىغان جۇغراپىيىگە قاراپ دائىرىلەرنىڭ ساقچى كۈچىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە ئۇلارغا بېرىدىغان ئىش ھەققىمۇ پەرقلىق بولماقتا. بەزى جايلاردا ھەتتا ياردەمچى ساقچىلارغىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى بېرىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.»