بۇ يىل ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ئاتىكەم روزى ئەسلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 11-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلغان سوتتا قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.
ئاتىكەم روزى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغان 7 ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ قېتىملىق سوتتا ئاتىكەم روزىدىن باشقا يەنە، پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىياز، مۇتەللىپ ئىمىن، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، ئەكبەر ئىمىن ۋە لو يۈۋېي قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغىمۇ جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈن يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىگە 8 يىللىق، ئىككىسىگە 7 يىللىق، يەنە بىرىگە 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى تۋىتتېر ئارقىلىق ئاشكارىلىغان ئىدى. ھالبۇكى، قالغان ئۈچەيلەننىڭ كونكرېت جازا مۇددىتى ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسى جازا ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قايسىسىغا قانچە يىلدىن جازا كەسكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئاتىكەم روزى تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا 3 يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زادى قانچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
بۈگۈن ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» ئايلىق خۇلاسە دوكلاتىنىڭ بۇ ئايلىق «ئەسلەشكە تېگىشلىك مەھبۇسلار» سەھىپىسىنى ئاتىكەم روزىغا بېغىشلىغان بولۇپ، «ئەركىنلىك سارىيى» تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ سەھىپىنى تېخى يېڭى يولغا قويدۇق. بۇ سەھىپىدە بىز ئاساسلىق خەلقئارادا بەك كەڭ تونۇلمىغان ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تىزىملىكىدە داۋاملىق تىلغا ئېلىنمايدىغان، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن قاماققا ئېلىنغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ نۆۋەتلىك سەھىپىمىزدە بىز كىمنى تاللىساق بولار دەپ مۇشۇنداق دېلولارنى تەكشۈرىۋاتقىنىمدا ئاتىكەم روزىنىڭ ھېكايىسى دىققىتىمنى تارتتى. مەن ئۇنىڭ رەسىمىگە قارىدىم. ئۇ شۇنداق چىرايلىق بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەن، ئۇنىڭ ھېكايىسى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى. ئۇ بىر ئۇيغۇر ياش، خۇددى چەتئەللەردىكى ھەرقانداق بىر ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسىغا ئوخشاش پەقەت تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن تەڭسىزلىكلەرنى، ئىلھام توختى ئۇچرىغان مۇئامىلىنى ۋە ئوغۇل دوستى مۇتەللىپ ئىمىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يازغان بىرى ئىدى. ھازىر بۇ 7 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىر نەپىرى قويۇپ بېرىلىدىغانغا ئاز قالدى. شۇڭا بىز بۇ ئاتىكەم روزى ئارقىلىق بۇ 7 ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پەيتكەن، دەپ بۇ ئايلىق سەھىپىمىزنى ئاتىكەم روزىغا بېغىشلىدۇق.»
ئاتىكەم روزى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «سىنا» مىكرو بلوگىغا پىكىر يېزىپ، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلىپ، خىتايدىكى تور جامائىتى ئارىسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.
ئۇنىڭ يەنە بىر دىققەت قوزغىغان ئىشلىرىدىن بىرى، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان ئوغۇل دوستى مۇتەللىپ ئىمىننى سۈرۈشتە قىلىپ توردا ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا كۆپ قېتىم مۇراجىئەت ئېلان قىلغان. مۇتەللىپ ئىمىنمۇ ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغان 7 ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقاندا يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان. ئۇ تەتىلنى تۈگىتىپ تۈركىيەگە قايتىشىدا 15-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ پېتى غايىب بولغان ئىدى. كېيىن ئۇمۇ 2014-يىلى 8-دېكابىردىكى سوتتا قىز دوستى ئاتىكەم بىلەن بىرگە سوتلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ياشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.
ساراھ كۇك خانىم سۆزىدە، «ئاتىكەم روزى مەسىلىسى دۇنيادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ياخشى بىر ئۆرنەك»، دېدى.
«بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك بىر ھېكايە. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىھۇدە تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. بۇ ئاتىكەم روزى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى مۇتەللىپ ئىمىن ۋە باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكىتلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاقىت. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئايلىق خۇلاسە دوكلاتىنىڭ خەلقئارادا ۋە ھەتتا خىتاي ئىچىدە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرى بار، مەن خىتايدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زوراۋان دەپ ئېيتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەسلىكىنى، تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەنچە بۇ بەك مۇھىم.»
«ئەركىنلىك سارىيى» ئاتىكەم روزىغا بېغىشلىغان بۇ سەھىپىسىدە ئاتىكەم روزى باشلىق بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.