«ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ ئاقىللار مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن لاگېرلار مەسىلىسى ئامېرىكادا يەنىمۇ كۆپ دىققەت قوزغىماقتا. ئۇلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ رايون ھەم دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

8-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» دە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن سۆزلىگۈچىلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ئاتلانتىك كېڭىشى ياۋرۇ-ئاسىيا مەركىزىنىڭ باشلىقى جون ھېربىست، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىنىڭ تور ژۇرنىلى بولغان «خىتاي ئارخىپى» نىڭ مۇھەررىرى جېسسىكا بەتكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىزا گىرىۋ خانىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يىغىن ۋاشىنگتوندىكى نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى قۇرۇلۇشلاردىن كەلگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن.

ئاتلانتىك كېڭىشى ياۋرۇ-ئاسىيا مەركىزىنىڭ باشلىقى جون ھېربىست يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەقە شۇنداقلا ناھايىتى زور بىر تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە «800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەس. مەن شۇڭا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ پايتەخت ۋاشىنگتوندا دىققەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايمەن» دېدى.

ئارقىدىن يىغىن باشقۇرغۇچىسى بولغان «دېپلومات» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى شاننون خانىم ئالدى بىلەن سۆزنى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىگە بەردى. نۇرىي تۈركەل سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرىنى 1990-يىلىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ۋە شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ياسىغان دراماتىك ئۆزگىرىشلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى يېڭى بىر ئەھۋال بولمىسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېلىشى بىلەن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان بۇ لاگېرلارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى يېتەرلىك بىر خەلقئارالىق ئىنكاسنىڭ بولمىغانلىقىدا، دەپ كۆرسەتتى.

ئارقىدىن جېسسىكا بەتكى ۋە لۇئىزا گىرىۋ خانىملارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيىتىدىكى پەيدىنپەي ئۆزگىرىشلەرنى شەرھلەپ ئۆتتى. جېسسىكا بەتكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ تا يېقىنغىچە ئاشكارىلانماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى، مۇخبىرلارنىڭ رايوننى ئەركىن زىيارەت قىلالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتتى. لۇئىزا گىرىۋ خانىم ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى زور جاسارەت كۆرسىتىپ تۇرۇپ يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە يۈز بەرگەنلەرنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سايىسىدە ۋە شۇنداقلا ناھايىتى زور خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سايىسىدە بۇ لاگېرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىندا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بولدى. جون ھېربىست ئەپەندى سۆزىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئامال بار بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ مەسىلە ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىغىمۇ چېتىلغانلىقتىن بۇنىڭغا ئاممىۋى ھەرىكەت سۈپىتىدە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئازراق بىر مۇھىت يارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ سۆزىدە «خىتاينى لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچلۈك بېسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلمەيدۇ بۇنى غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى قىلىشى كېرەك» دېدى.

يىغىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى دىققەت قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئىنكاس كەلمەسلىكىدىكى سەۋەبنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تىبەتلەردەك تونۇلۇپ كەتمەسلىكى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەخسۇس قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرۇشى، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» غا ئوخشاش جازا تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇشتەك بىر قىسىم ئىجابىي قەدەملەر ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ بەكلا ئاستا بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ شۇنداقلا بۇ مەسىلىنىڭ بىر ياكى ئىككى دۆلەت ئورنىدىن تۇرىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭغا قارشى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە قارىماي، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوقۇم ئورتاق ھالدا بۇ لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆزى كۆزلەۋاتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈملەرگە ۋە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.