30 -ئىيۇن يەنى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاتۇشتىكى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ 3 نەپەر خادىمى شەھەر ئىچىدىكى قۇلۇپچىنىڭ دوقىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كوچىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نۆۋىتى مەلۇم بىر گۇماندارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ساقچىلار تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇمدا قىرغىز مىللىتىدىن بولغان مەمەت نۇر ئىسىملىك ئالاھىدە ساقچى نەق مەيداندا ئۆلگەن؛ بىر خىتاي ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى يارىلانغان. ئالاھىدە ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان گۇماندار يارىلانغان ساقچى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. خىتاي تەرەپ بۇ ۋەقەنى بەش كۈندىن بېرى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
1
مۇخبىر: بۇ سۇنتاغ ساقچىخانىمۇ؟
خادىم: ھە، شۇنداق.
مۇخبىر: سىلىنىڭ سوجاڭ كىمۇ؟
خادىم: مەن چاقىراي...
مۇخبىر: ھە، بۇ، سوجاڭ مەمەت تۇرغۇنمۇ؟
خادىم: ھە مەن شۇ.
مۇخبىر: قايسى كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىلەرگە يېقىنمۇ ، ئەمەسمۇ؟
خادىم: ئۇنى ئەشۇ ئىدارە رەھبەرلىرىدىن سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولامىكى؟
مۇخبىر: ئۇلاردىنمۇ سورايمىز، ھازىر سورۋاتقىنىمىز، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئەمەس، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ئورنى ۋە ۋاقتى؛ ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىمۇ ئەمەسمۇ؟
خادىم: ياق ، شەھەر ئىچىدە.
مۇخبىر: سائەت نەچچىدە يۈز بەرگەن ئىش بۇ؟
خادىم: بۇ ئىشنى تېلېفوندا دېيىشسەك بولمايتتى؟
مۇخبىر: ئەمىسە، سۈنتاغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى مۇشۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز دەپ يازساق بولامدۇ؟
خادىم: خەۋىرىم بار، ئەمما تېلېفوندا زىيارەت قوبۇل قىلماڭلار دېگەن.
مۇخبىر: دېمەك جاۋاب بېرەلمەيسىز؟
خادىم: جاۋاب بېرەلەيمەن.
2
مۇخبىر: بۇ، ئۇستۇن ئاتۇش ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: ياق بۇ قاراجۇلنىڭكى.
مۇخبىر: ۋەقە يۇز بەرگەن يەردىن قانچىلىك ئۇزاقلىقتا؟
خادىم: ۋەقە يۈز بەرگەن يەر ئاتۇش، شەھەر ئىچى.
مۇخبىر: قانچىلىك ئارىلىق بار؟
خادىم: 97 كىلومېتىر.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەندە قەيەردىتىڭلا؟
خادىم: بىز شۇ مۇشۇ يېزىدا تۇردۇق.
مۇخبىر: ۋەقەدىن قانداق خەۋەر تاپتىڭلار؟
خادىم: بۇنى دېسەك بولارمۇ-بولماسمۇ......
3
مۇخبىر: بۇ ئاياللار بىرلەشمىسىغۇ دەيمەن؟
خادىم: ھە شۇ.
مۇخبىر: شەھەر ئىچىدىكى ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ-بولمىدىمۇ؟
خادىم: كوچىدىن ئاڭلىدىم)ئىدارىدىن ئەمەس(، بىر قىزغىز ساقچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ دەپ.
مۇخبىر: ۋەقە قەيەردە يۈز بېرىپتۇ؟
خادىم: قۇلۇپچىنىڭ دوقىسى دەيدىغان بىر يەر بار. شۇ يەردە يۈز بېرىپتى، قىزغىز ساقچى چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتىكەن.
مۇخبىر: قايسى كۈنى سائەت نەچچىدە يۈز بېرىپتۇ؟
خادىم: يەكشەنبە كۈنى سائەت 12 دە دەپ ئاڭلىدۇق.
مۇخبىر: ھۇجۇم قىلغانلار كىمكەن؟
خادىم: ئۇنى بىلمىدىم.
4
مۇخبىر: سىز كەنت پارتكوم سېكرىتارىغۇ دەيمەن؟
خادىم: ھە، شۇنداق.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەندە سىز نەدە ئىدىڭىز؟
خادىم: ئۈستۈن ئاتۇشتا ئىدىم.
مۇخبىر: قىرغىز ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟
خادىم: بازار كۈنىكەنغۇ شۇ، قۇلۇپچىنىڭ دوقىسىدا بىر ساقچىنى ئولتۈرىۋېتىپتۇ دەپ شۇنىلا ئاڭلىدۇق.
5
خادىم: سۇنتاغ ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: يەكشەنبە كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن قىرغىز ساقچىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: مەمەت نۇر.
مۇخبىر: مەمەت نۇر قايسى ساقچىخانىنىڭ خادىمى ئىدى؟
خادىم: تۇرۇپ تۇرۇڭ، سوجاڭنى چاقىراي.(بىر خىتاي خادىم تېلېفوننى ئالىدۇ)
خادىم: كىمۇ شۇ؟
مۇخبىر: سىز كىمۇ؟
خادىم: مەن مۇئاۋىن سوجاڭ.
مۇخبىر: مەمەت نۇر قايسى ساقچىخانىنىڭ خادىمى؟
خادىم: سىز شۇ، گۇڭئەنتىڭدىن - جۇ تىڭجاڭدىن سوراڭ.
6
مۇخبىر: بۇ كاتتايلاق ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: ھە شۇ.
مۇخبىر: ئۆلتۈرىۋېتىلگەن قىرغىز ساقچى مەمەت نۇر قايسى ساقچىخانىنىڭ خادىمى؟
خادىم: تېجىڭ بۇدۈيدىكەن.
مۇخبىر: ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى تېجىڭ بۇدۈيمىكەن؟
خادىم: ھە، شۇنداق.
مۇخبىر: مەمەت نۇر قانچە ياشتا بارتىكەن؟
خادىم: ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
مۇخبىر: ئەمىسە تېلېفوننى سىزگە گەپ قىلىۋاتقان يېنىڭىزدىكى خادىمغا بېرىڭ.
خادىم: ۋەي، ياخشىمۇسىز؟
مۇخبىر: مەمەت نۇر ئەسلى قەيەرلىك بالا؟
خادىم: ئاقچى ناھىيىسىدىن، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئۇ شۇ ئاقچى ناھىيىسىدە ئوقۇپ، ئاندىن ساقچى مەكتەپكە بېرىپ، ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ساقچى بولغان بالىكەن.
مۇخبىر: كىم تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، سىلەرگە ئۇقتۇرۇلۇشىچە؟
خادىم: ساقچىلار تۇتقىنى كىرگەنكەن، ئاۋۋال سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتۇ، گۇماندار قارشىلىشىپتۇ، شۇ ئارىلىقتا بىر ساقچىغا تېلېفون كېلىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپتۇ، شۇ چاغدىلا گۇماندار ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پىچاق تىقىپتۇ. قىرغىز ساقچى ئۆلۈپتۇ، بىر خەنزۇ، بىر ئۇيغۇر ساقچى يارىلىنپتۇ، ئاڭغىچە تالادا تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان ساقچى كىرىپ گۇماندارنى ئېتىۋېتىپتۇ.
مۇخبىر: گۇماندارلار قانچە كىشىكەن؟ساقچىلارچۇ؟
خادىم: گۇماندارلار ئەر ، ئايال بولۇپ ئىككى كىشىكەن، ساقچىلار 3 كىشىكەن. ئەمەت قۇلۇپچىنىڭ دوقىسى دەيدىغان بىر يەر بار، شۇ يەردە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەر بار، گۇماندار شۇ يەردە ئىجارىدە ئولتۇرۇۋاتقان ئىكەن، ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىلىۋاتقانىكەن.
مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ ۋەقەدە ئىككى كىشى ئۆلگەن بولدىمۇ؟
خادىم: شۇنداق، ئىككىسى ئۆلگەن، بىر ئۇيغۇر ھەمدە بىر قىرغىز ساقچى ئۆلگەن بولدى.
مۇخبىر: قايسى ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى ئىدى؟
خادىم: ھەممىسى ئالاھىدە ساقچى قىسىمنىڭ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاتۇشتا يۈز بەرگەن خىتاينىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى يارىلانغان.
0:00 / 0:00