ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كانبىرادا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 17-نويابىر پايتەخت كانبىرادا، ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىش كانبىرادىكى پارلامېنت بىناسىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، برىسبان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان رەئىس شى جىنپىڭ 16-نويابىر يىغىننى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۈگۈن كانبىراغا يېتىپ كېلىپ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشقا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭچىلار ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ۋىيېتناملىقلاردىن بولۇپ جەمئىي مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا، نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن بەختىيار، گۈلمىرە، پولات ۋە شۇنداقلا تۈركىيەلىك مەمەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.