12-ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كامبىرا شەھىرىگە جەم بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش، كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە شۇنداقلا ئادالەتسىز سوت ھۆكۈملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار بايانات ۋە ۋە شوئارلىرى ئارقىلىق، ئاۋسترالىيە خەلقى، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە سىياسەتچىلىرىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا ۋە ئارىلىشىشقا چاقىردى. نامايىشچىلار ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يۈرۈش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن، قاراقاش ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبىرادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ نەق مەيدان ئاۋاز خاتىرىسى، نامايىش مەيدانىدا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن ئەلا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.
بىز ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن بەختىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ نامايىشنىڭ تەپسىلىي جەريانى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.