ئاۋسترالىيە خەۋپسىزلىك ژۇرنىلى غەرب ئەللىرىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرىگە قويغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا خىتايدا زادى تېررورلۇق مەۋجۇتمۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان تەھدىت زادى قانچىلىك دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر بولماقتا. بۈگۈن ئاۋسترالىيىدە نەشردىن چىقىدىغان ئاۋسترالىيە خەۋپسزلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە يۇقىرىدىكى سوئاللار ئۈستىدە ئاپتور ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىكى تېررورلۇقنى تەھلىل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدىكى بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئۆز سىياسىتى ئۈچۈن ئىشقا سالىدىغانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاۋسترالىيىدە نەشردىن چىقىدىغان خەۋپسىزلىك ژۇرنىلىدا «خىتايدا تېررورلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن بولغان كۈرىشى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن ئېنىقلىمىسى، ئۇنىڭ يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلىش ئۇسلۇبى، خىتاينىڭ غەربنىڭ ئىسلام تېررور گۇرۇپپىلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىگە بولغان بىپەرۋالىقى قاتارلىق تېمىلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. ماقالىدە 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدا بۇنداق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە 1 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە 1990 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالاھەزەل 200 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن :

- 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايمۇ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش«تېررورچىلار» غا قارشى ئۇرۇشىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن... 2002 - يىلى خىتاينىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن ئامېرىكا بۇش ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بىراق ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم چەتئەل تېررور تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە ئالمىدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن. بىراق ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئالاقىسى بولغان ئىسلام ھەرىكىتىنى تىزىملىككە ئالغان. بىراق، بەزى كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىدىن، ھەتتا ئۇنىڭ زادى مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ.

ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە 20 ئۇيغۇرنى ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئېلىپ گۇەنتاناموغا قامىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پاكىت دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغانلىقى، بىراق كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا دۈشمىنى بولمىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ چىققانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماي، باشقا - باشقا دۆلەتلەرگە قويۇۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق يەڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا كەڭ يامرىغان كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كەمسىتىش سىياسىتىدىن، دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىسىدىن ۋە يەرلىكلەرنى شالاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆتكەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىدىن قاتتىق نارازى... خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى پوزىتسىيىسى ھەممىسى ئۇنىڭ خەلقئارالىق توقۇنۇشلاردا قوللانماقچى بولغان سىياسىتىگە باغلىق. پروفېسسور روھان گۇناراتنا سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاراقۇرۇم يوللىرىنى ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەربىيىلەپ ئۇلارنى ئافغانىستاندا رۇسلارغا قارشى ئۇرۇشقا سالغانلىقىنى يازغان...

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان، تار دائىرىلىدىكى تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن تا يېقىنغىچىلا ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتلىرىدىنمۇ تەھدىت ئېلىپ باقمىغانلىقى، بىراق كېيىن ئەلقائىدە ۋە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى تۈپەيلى تەنقىد قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بىراق ئاپتور، ئۇيغۇر ئېلىدا تا 1980 - يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ھەر خىل نارازىلىق ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن. ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان :

- تارىختىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا نىشان بولۇپ كەلگەن. خىتاي بۇنىڭدىن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما كۈنمىڭ ۋەقەسى ۋە تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يەرلىك تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى. ھۇجۇمچىلار بەلكى بۇندىن كېيىن خىتايدىكى ئادەم سانى كۆپ ۋە غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپ جايلارنى تاللاپ بۇنداق ھۇجۇملارنى يەنە قىلىشى مۇمكىن. گەرچە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ئەپ كېلەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىپ، قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى، بۇنىڭ بىلەن رايوندىكى ئېتنىك زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يەنە كۆپلەپ يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىنى ئانالىز قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارغا يەر بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- خىتايدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تېررور ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىراق، خەلقئارا جامائەت خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئانالىز قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى قايسى خەۋەرنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، قايسى خەۋەرنى ئۆز خەلقىگە، قايسى خەۋەرنى خەلقئاراغا ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە ھەرۋاقىت دۆلەت چەكلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. خىتايدا چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋەقەلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا خىتايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تېررورلۇق دەپ خەۋەر قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ چىنلىقىغا شەك چۈشۈرىدۇ. خىتاي تېررورلۇقنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشىتىن ئۇزاق تۇرۇشى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا خىتايغا ئىچكى جەھەتتىن كېلىدىغان تېررور تەھدىتى زورايغاندا، غەرب ئەللىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكىمۇ تۇرغانلا گەپ.