27-ئاپرېل كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش» پائالىيىتىنى قوللاش شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلايىت شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ۋىكتورىيە مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا 400دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇيغۇر پائالىيەتچى پەرىزات غەيرەت خانىم نەق مەيداندىن بۇ نامايىشنىڭ 27-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادلايىت شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت، تاتار، ئۆزبېك ۋە قازاققا ئوخشاش قېرىنداش مىللەتلەردىن بولۇپ، 400 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاۋسترالىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ بۇرۇنقى نامايىشقا ئوخشىمايدىغان تەرىپى نېمە؟ پەرىزات غەيرەت خانىم بۇ قېتىمقى نامايىشقا بۇرۇن نامايىشلارغا قاتنىشىپ باقمىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئادلايىتتا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئاۋسترالىيەدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ، نامايىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بىريۇسسېلدىكى «5000 كىشىلىك نامايىش» پائالىيىتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ئاۋسترالىيەنىڭ مەركىزى ئادلايىتتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆپ ساندىكى ۋاراقچىلارنى تارقاتقان بولۇپ، نەق مەيداندىن رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن پەرىزات غەيرەت خانىم نامايىشنىڭ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، نامايىش ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كىشىلەرگە بىر تەرەپتىن ئاغزاكى ئاڭلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاراقچە تارقىتىش ئارقىلىق ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىز نامايىش ئاخىرىدا نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمەمەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، نامايىشنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، بۇ نامايىش ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
27-ئاپرېل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەدىن سىرت ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.