4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مېدىيا-ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت)نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 21-نويابىر دۈشەنبە كۈنى، 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مېدىيا-ئاخبارات تەربىيىلەش كۇرسى رەسمىي باشلاندى. مېدىيا-ئاخبارات تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىندى.

يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، بالقان ۋە ئافرىقادىكى 44 دۆلەتتىن 130 تەجرىبىلىك ژۇرنالىست قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت)نىڭ باش مۇدىرى شەنول گۆكا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ پروگراممىغا 44 دۆلەتتىن 130 نەپەر تەجرىبىلىك ژۇرنالىست قاتناشقانلىقى، بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزئارا ئورتاقلىشىدىغانلىقى ۋە بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك كەسپى ساھەدىكى ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ت ر ت)نىڭ باش مۇدىرى شەنول گۆكا ئەپەندى سۆزىدە يەنە بىر دۆلەت ۋە بىر خەلق ئۈچۈن مېدىيا-ئاخباراتنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئاخباراتچىلارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلقنى توغرا تەرەپكە يۈزلەندۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھەتتا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، 15-ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسياندا پۈتۈن دۆلەت ۋە خۇسۇسىي رادىئو-تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىردەك ھالدا خەلققە ئىسيانغا قارشى چاقىرىق قىلىپ، خەلقنىڭ كوچىلارغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەنول گۆكا ئەپەندى بۇ ھەقتە 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيان جەريانىدا ت ر ت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر رىياسەتچىسى دىجلە خانىمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. دىجلە خانىم سەھنىگە چىقىپ يىغىن ئەھلىگە ئۇ كۈنى كېچىدە ئىسيانچىلارنىڭ ت ر ت ئىدارىسىگە بېسىپ كىرگەنلىكى، سىتۇدىيولاردىكى خادىملارنى تۇتۇپ بىر ئۆيگە قاماپ قويغانلىقى ۋە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قوللىرىنى باغلىغانلىقىنى، بەزلىرىنى مۇش بىلەن ئۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. دىجلە خانىم، ئىسيانچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ چېكىسىگە قورال تەڭلەپ، ئۇلارنىڭ باياناتىنى ئېكراندا ئوقۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ مەجبۇرى ھالدا باياناتنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەنول گۆكا ئەپەندى سۆزىدە يەنە 15-ئىيۇل كېچىسى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ تېلېفون ئارقىلىق كىشىلەرنى كوچىلارغا چاقىرىق قىلغان كۆرۈنۈشىنى تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق تارقاتقان خەندا خانىمنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرىدا مۇخبىرلار شەنول گۆكا ئەپەندىدىن سوئاللار سورىدى.

قازاقىستاندىكى ئالماتا تېلېۋىزىيىسىنىڭ باش مۇدىرى ئايدىيوس جۇقانۇلاي ت ر ت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ باش مۇدىرى شەنول گۆكا ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سوراپ، قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ «ئالماتا تېلېۋىزىيىسى» نىڭ «ئىبرەت» ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا قىرىم تاتارلىرىنى «تېررورچى» دېيىشكە ئالاقىدار تەلىماتلار كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە ت ر ت قاناللىرىدا «تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى دەپ ئاتامدۇ؟» دەپ سورىدى. شەنول گۆكا ئەپەندى سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بېرىپ، «سىز تۈركىيە ت ر ت قاناللىرىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ياكى تاتارلارنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغان پروگرامما كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ۋە ياكى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. ئايدىيوس ئەپەندى: «ياق ئاڭلىمىدىم»، دېدى. شەنول ئەپەندى؛ «ئەلۋەتتە ئاڭلىمىدىڭىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئاڭلىمايسىز، ئۇنداق ئىش يوق»، دەپ جاۋاب بەردى. يىغىن ئەھلى شەنۇل ئەپەندىنى قىزغىن ئالقىشلاپ چاۋاك چالدى.

44 دۆلەتتىن 130 نەپەر ژۇرنالىست قاتناشقان بۇ مۇھىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بىز بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان قازاقىستانلىق ژۇرنالىست نۇرگالى ئەپەندى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش بېسىم سىياسىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «مۇشۇنداق 50 يىل داۋام قىلسا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق دېگەن مىللەت قالمايدۇ، خىتايلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىدۇ»، دېدى.

ژۇرنالىست نۇرگالى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك خەلقلەرنىڭ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تىلدا، پىكىردە، ھەرىكەتتە بىرلىك دېگەن شوئار ئاستىغا جەم بولغاندا ئاندىن ھېچ كىمنىڭ بوزەك قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈرك ئىش بىرلىكى ئىدارىسى تىكانىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30 كۈنىگىچە 10 كۈن داۋا قىلىدىكەن، 10 كۈن جەريانىدا تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم تەجرىبىلىك مۇھىم ژۇرنالىستلىرى لېكسىيە بېرىدىكەن ۋە پىكىر-ئالماشتۇرۇش ھەم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.