8-مارت ئاياللار بايرىمىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر بايان قىلىندى

0:00 / 0:00

8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى رابىيە ئىلكتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قەيسەرى ئاتاتۈرك مەيدانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىر جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رابىيە ئىلكتۈرك خانىم مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىزمەت نامى بىلەن ئىچكىرىلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بىگۇناھ تۇتۇلۇپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان، ئۆلتۈرۈلگەن، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ تۇل قالغانلىقى، ئانىلىرىنىڭ بولسا بالا دەردىدە قان يىغلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رابىيە خانىم باياناتىدا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇنداق دەرد-ئەلەملەر ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلاردىن تەركىب تاپقان 40 كىشىلىك ھەيئەت ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رابىيە ئىلكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.