رابىيە ئانا «بىر مىليارد ئايال» ئىچىدە

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق، ئىقتىساد، دىنىي ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.02.14
rabiye-richmont-yighin-305.jpg ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ئامېرىكا.
RFA

ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى بىر مىليارد ئايال زاتى ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ، دەل مۇشۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى نيۇيوركتا پەقەت ئاياللار ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، ئۆزلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «بىر مىليارد ئايالنىڭ ھەرىكىتى» باشلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقان تەشكىلاتلار سانى دۇنيا مىقياسىدا 5 مىڭغا يەتتى. 190 دۆلەتتە بۇ خىل ھەرىكەت ئۆتكۈزۈلگەن.

ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ئامېرىكا.
ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ئامېرىكا.
RFA

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى، كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىي ۋە دىنىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى..

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.