ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئايرودروملاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدە ئېغىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي چەكلەش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنىمۇ زور دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.

ھەتتا بۇنى ساقچىلارنىڭمۇ دەلىللىگەنلىكى رادىيومىزدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن. ئۆزىنىڭ خورلۇققا ئۇچراش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش قارارىغا كەلگەن بىر خانىم، نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا بىز بىلەن سۆھبەتلەشتى. تۈركىيەگە يەرلەشكىنىگە 6 ئاي بولغان بۇ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بولۇپمۇ ئايرودروملاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر بولسىلا ھەر قانداق تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا داۋاملىق نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.

مىللىي ۋە دىنىي يوسۇندا يېپىق كىيىنگەن، ھىجابلانغان ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرى ساقچىخانىلاردىلا ئەمەس، ئايرودرومدەك ئوچۇقچىلىقتا، كىشىلەرنىڭ نەزىرى ئاستىدىمۇ ئوخشاشلا، ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن ياغلىقلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ مەجبۇرىي ئاختۇرۇشقا ئۇچراپ، كىشىلىك غۇرۇرى، ئاياللىق ئىززەت ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنماقتا.

بۇ خانىمنىڭ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قەلبىنى يارىلىغان ئەنە ئاشۇنداق خورلۇق سەرگۈزەشتىسىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.