ئايكۆل ۋەقەسىدە بېشىغا كېسەك يېگەن مۇدىر تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

0:00 / 0:00


مۇخبىرىمىز ئاقسۇ ئايكۆلدە سۇ تۇتۇۋاتقان دېھقان ياش تۇنىياز قۇرباننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، ئايكۆلدە ئۆتكەن يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشتى. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە سانى 500 چە ئەتراپىدا بولغان ئامما بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقەدىن كېيىن يۈزلەرچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

شۇ كۈنكى ۋەقەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا بېشىغا كېسەك تېگىپ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، شۇ ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتۇلغانلاردىن 22 كىشىگە 7 يىلدىن 18 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، بىر كىشىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ۋە 9 كىشىنىڭ سىرتتا نەزەربەند ئاستىدا كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە، شۇ قېتىملىق ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 4 نەپىرىنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ تاكى خىتاي ئۆلكىلىرىگىچە بارغانلىقىنى ۋە تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.