ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، شۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى»نىڭ تور بېتىدە ئاقسۇ ئايكۆللۈك سىياسىي مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇتنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ۋە جەسىتىنىڭ 20 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەر مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - بۇرادەرلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئۆيكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تېلېفون زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە ئايكۆلدە ئۆتكەن ھەپتە ۋاپات بولغۇچىنىڭ سىياسىي مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇت ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق بىمار ئوسمان مامۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئوسمان ئاۋۇتنىڭ ئايكۆلدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى شەخسنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ۋە يېشىنىڭ ئوخشاش، فامىلىسىنىڭ ئاھاڭداش بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئايكۆلدىكى بىر كەنت، بىر مەھەللىدىن بولۇشى، تارقالغان ئۇچۇردا ئۇقۇشماسلىققا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلىرىمىزدىن، شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇتنىڭ سىياسىي كەچمىشى ۋە تۇتۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00