ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا، ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئارمان، يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مومىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغاندا يولۇققان ۋە كۆرگەن ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر قىسىم ۋەقەلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە ئارمان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە شاڭخەي ئايرودروملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاڭخەيدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە ئارمان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە قارىسىڭىز، خۇددى كىنولاردا تەسۋىرلەنگەندەك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ يەھۇدىلارنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. مەن بىلەن بىللە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈش نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىسى تەكشۈرۈش نۆۋىتى كەلگەندە، نېمە ئۈچۈندۇر دەرھال بىر قانچە ساقچى تەرىپىدىن ئايرىم ئۆيگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇلاردىن بىرى ماڭا ئايروپىلانغا چىققاندا ئۆزىنىڭ قانداق شەكىلدە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ‹ساقچىلار مېنىڭ پۈتۈن يۈك - تاق، كىيىم-كېچەكلىرىمنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن مېنىڭ كىملىكىمگە قاراپ، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن شاڭخەيگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى ۋە مەكتەپ رەسمىيەتلىرىنى تولۇق كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ شاڭخەيدە تۇرىدىغان ياتاق ئادرېسىمنى سورىدى. مەن تەخمىنەن 45 مىنۇت تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن ئايروپىلانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم› دېدى. مەن ئۇنىڭغا ‹سىز بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرسىڭىز بولمامدۇ؟› دېسەم، ئۇ ماڭا ‹ۋوي ئاكا! نېمە دەيدىغانسىز، ئەگەر مەن قارشىلىق بىلدۈرسەم، ساقچىلار مېنى بەلكىم ھازىرلا ئايرودرومدا تېررورلۇق ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان تېررورچى، دەپ قولغا ئېلىشى ۋە ياكى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ خىل دەپسەندىچىلىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭدىم› دېدى.»
ئارمان ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودرومىغىچە يېتىپ كەلگەن چەتئەلگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ماڭغان 16 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پۇدوڭ ئايرودرومى مېھمانخانىسىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق سوراق قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قانچىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۇدوڭ ئايرودرومىدىكى مېھمانخانىدا ئۇخلاۋاتاتتىم. تەخمىنەن كېچە سائەت بىرلەر بولغان ۋاقىت بولسا كېرەك. تۇيۇقسىزلا كارىدوردا كىمدۇر بىرىنىڭ ‹بىز شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى پۇدوڭ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ساقچىلىرى 2-قەۋەتتە ياتقان بارلىق شىنجاڭلىقلار دەرھال ياتاقلىرىڭلاردىن چىقىپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى تىزىملاش ئورنىغا چۈشۈڭلار، سىلەرنى تەكشۈرىمىز› دەپ توۋلىغان ئاۋاز ئارقا-ئارقىدىن ئاڭلاندى. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ، مەن بىلەن قوشنا ياتاقتا ياتقان بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئەنسىرەپ پەسكە چۈشتۈم. بىرىنچى قەۋەت ساقچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مەن پەسكە چۈشۈشۈمگە ساقچىلاردىن بىرى يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنىڭدىن خىتاي تىلىدا ‹سەنمۇ شىنجاڭلىقمۇ؟› دەپ سورىغاندەك قىلدى. مەن ھېچنېمىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرسام، كۈتكۈچى قىز كېلىپ ‹ئېھتىمال بۇ شىنجاڭلىق ئەمەس، ياپونىيەلىك ساياھەتچى› دېدى بولغاي. ساقچى ماڭا يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر چەتتە قەھۋە ئىچكەچ ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىشىنى كۆزىتىپ ئولتۇردۇم. ئۇلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى بىر-بىرلەپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۇلارنى سوئال-سوراق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن بىر قانچىسىنى ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. ئۆز ھەمراھلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پەرىشان بولۇپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى. مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، مەن بىلەن بىر ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىدىن بىللە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن نېمە سەۋەبتىن ئۇلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سورىسام، بۇ ئوقۇغۇچى ماڭا ‹ساقچىلار ئۇلارنىڭ چەتكە ئوقۇشقا چىقىش رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئېلى قانۇن دائىرىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى› دېدى.»
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شاڭخەي پۇدوڭ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىگە بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئارمان، ئەتىسى ئەتىگەندە شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودرومىدا چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە قايتىدىن ئادەتتىكى يولۇچىلاردىن پەرقلىق ھالدا قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن ئايروپىلانغا چىقىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرودروملاردا بۇ خىل كەمسىتىش ۋە خارلىقلارغا ئۇچرىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋە مەندەك چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى چوقۇم ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەردە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلسا كېرەك» دېدى.
بىز ئارماننىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بىلەن شاڭخەيدىن بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن، نام شەرىپىنى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا كېلىش جەريانىدا ئۆزى ئۇچرىغان تۈرلۈك توسالغۇلارنى بايان قىلىپ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىشىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ياشلارنىڭ چەتكە ئوقۇشقا چىقىشى بولسا، گويا بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا، ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غالىپ مىجىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشىنى توسۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.