مەركىزى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى 11-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىدە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر ئورگان. مەزكۇر تەشكىلات 11-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلات 217 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ۋەزىيىتى ئايرىم سەھىپىلەر بويىچە تىلغا ئېلىنغان. تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، خىتاي قانۇنلىرىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 55 مىللەت بىلەن «ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» سىياسىتى ئاساسىدا بۇ مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، تىلىنى، مائارىپىنى قوغداش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قەغەز يۈزىدە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ئەڭ يارقىن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئائىت قىسمىدا 2015-يىلى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش-نامايىش قىلىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تەشكىلات بۇلارغا مىسال كۆرسىتىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىپ، خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان. تىلغا ئېلىنغانلار ئىچىدە خوتەندە باشقا ناھىيە ۋە يېزىلارغا بېرىش ئۈچۈن دائىرىلەردىن يول خېتى ئېلىش تەلەپ قىلىنىشى، غۇلجا دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنى پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قىستىغانلىقى، پۇ جىچياڭ ۋە ۋاڭ يۈ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرى ئورۇن ئالغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنى قاتتىق ئويلاندۇرغان مەسىلە بولۇپ، دوكلاتتا بۇنىڭغا تەپسىلىي ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :
ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپمۇ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ھوقۇقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىندى. بۇلتۇر 4-ئايدا تونۇلغان ئىمام ۋە باشقا 16 كىشى رۇخسەتسىز تەبلىغ قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بېشىنى ئورىۋالغان ئاياللار دوختۇرخانىلارغا كىرىشتىن، ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن چەكلەندى. بىر قىسىم دۇكان ئىگىلىرى ھاراق-تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلاندى. رېستورانلار رامىزان مەزگىلىدىمۇ تىجارەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ زور نارازىلىق پەيدا بولدى. بۇندىن سىرت، سېنتەبىردە خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا 22 خىل دىنى ئىسىملارنى قويۇشتىن مەنئى قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى تى كۇمار ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ھوقۇقلىرىنىڭ بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. تى كۇمار ئەپەندى سۆزىدە «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇغۇچى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان مەزگىلىدە ئۇلارنى روزى تۇتۇشتىن، كۈندىلىك ئىبادىتىنى ئىجرا قىلىشتىن چەكلەشنى كۈنسايىن كۈچەيتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ئۆز مەيلىچە ئىجرا قىلماقتا» دېدى.
خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەر ئالغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ زەربىگە ئۇچراش مەسىلىسىدۇر. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرلەشتۈرۈپ، خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نامى ئاستىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىناكارلىق مىراسلىرى ۋە يەرلىك مىللىي كىملىكىگە زىيان سالغان. دوكلاتتا ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ جېي داۋچېرنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ: «ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئەسىرلەردىن بېرى ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن ئىدى» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئىنتايىن توغرىلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بارلىق ئېلىمېنتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «قوش تىل مائارىپى» ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشىگە يول ئاچقانلىقىنى، كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭمۇ ئارتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل سىياسەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك رەۋىشتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى، ئەكسىچە بولغاندا بېسىمنىڭ ئىلگىرىلەپ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت مەسىلىلەرگە قارىتا خىتاي تەرەپنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكى نامەلۇم.