نازارەت ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققالنىڭ شىكايىتى: مېنىڭ مەھبۇستىن پەرقىم نېمە؟

ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يەنە مۇقىملىققا تەھدىت دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، بەزلىرى ئۆيىدە، بەزىلىرى ئىش ياكى تىجارەت ئورنىدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. باققال ھېلاجى ئەنە شۇلاردىن بىرى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوغلى(ئوتتۇرىدا) غايىب بولغان، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققال ھېلاجى (سولدىن بىرىنچىسى). 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوغلى(ئوتتۇرىدا) غايىب بولغان، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققال ھېلاجى (سولدىن بىرىنچىسى). 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.
RFA

ھېلاجى 5 كۈندىن بېرى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى مېۋە-چېۋە بازىرىدا بىر گۇرۇپپا ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا خېرىدار چاقىرماقتا. باققالنىڭ خېرىدار چاقىرىۋاتقاندىكى ئىللىق چىرايى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بىقىنىدىكى ساقچىلارنىڭ سۆرۈن تەلەتى غەلىتە بىر مەنزىرە پەيدا قىلىپ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئۈركۈتسە، بەزىلىرىنى ھەيران قالدۇرماقتا. نەتىجىدە باققالنىڭ سودىسى ھەركۈنى ئاز دېگەندە 500 يۈەن كېمەيمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن باققال ئۆز-ئۆزىگە «مەن جازا لاگىرىدىكى بىر مەھبۇسمۇ ياكى ئەركىن بازاردىكى بىر تىجارەتچىمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدىمەكتە.

ھېلاجى ئەسلىدە قەشقەر توققۇزاقتىن بولۇپ، 10 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلماقتا. 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنىڭ 19 ياشلىق ئوغلى ئالىمجان، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھېلاجى شۇنىڭدىن بۇيان ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلماقتا؛ ئۇ بۇ ھەرىكىتى سەۋەبلىك خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى مۇقىملىققا تەھدىت كىشىلەر تىزىملىكىگە ئېلىنىپ ھەر قېتىملىق يەرمەنكە ۋە يىغىن مەزگىلىدە، شۇنداقلا چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى مەزگىلىدە نەزەربەند قىلىنماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، باققال ھېلاجىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت