يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۇرىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بارىن ئىنقىلابىغا بۇ يىل دەل 25 يىل بولدى.
بارىن ئىنقىلابى 1990 - يىلى 5 - ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىنقىلابى بولۇپ، شۇ قېتىمقى ئىنقىلابتا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ساناقسىز ئىنقىلابچىلار خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان.
بۈگۈن بىز، بارىن ئىنقىلابنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.
0:00 / 0:00
