5-ئاپرېل توكيو شىنجىكودىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سارىيىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دوكلات سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
دوكلات سۆزلەش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنقىلابنى باستۇرۇش جەريانىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا توكيودىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلغان.
شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان مەزكۇر دوكلات سۆزلەش يىغىنى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىغىندىن كېيىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.