30-مارت شەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى ۋە جاسۇسلۇق گۇماندارلىرى شۇنداقلا جاسۇسلۇقنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكۈمى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.
يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئايدا بىر قېتىم ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ جەمئىيەت 30-ئاپرېل شەنبە 1990- يىلى 5-ئاپىرىلدىكى «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 23-يىللىقىنى خاتىرىلەشتەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى بۇ ئايلىق سۆھبەتكە جەملىدى.
پائالىيەتكە جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. جەمئىيەتنىڭ مائارىپ ۋە دىن ئىشلىرى يېتەكچىسى ئابدۇراخمان قارىھاجىم جاسۇسلۇقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمى ۋە مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقۇنلارغا بولغان غەزەپ-نەپرەت مەيدانىنى جانلىق ئىپادىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ جەمئىيەت بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆز تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، تور دۇنياسىدا قىزغىن ئالقىشلانغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئايلىق سۆھبەتتە جەم بولغان ۋەتەنداشلار بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر قېتىم ئىنكاس قايتۇردى.
ناماز ۋە تائام پروگراممىلىرىدىن كېيىن داۋام قىلغان پائالىيەتتىكى ئاخىرقى تېما «بارىن ئىنقىلابى» غا ئاتالغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى شۇ ئىنقىلابچىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىدە ئىپادىلەنگەن ئېتىقادى مەيدان مۇزاكىرە قىلىندى.
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغانلىقى ۋە ئۆز-ئارا سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى خىلىدىن بىرى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يەر ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ ئىنقىلابنى خاتىرىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.