يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ستوكھولمدىكى ئىككى چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتىدىن باشقا يەنە قىزىقىشى ۋە ياش پەرقى بويىچە تۈرلۈك مەشرەپلەرگە ئۇيۇشۇپ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خانتەڭرى مەشرىپى ئەنە شۇ خىلدىكى مىللىي مەشرەپلەرنىڭ بىرىدۇر.
30-مارت (شەنبە كۈنى) خانتەڭرى مەشرىپى ئۆزىنىڭ مارت ئېيىدىكى پائالىيىتىنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23-يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلىدى. مەشرەپ ئەھلى بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت كەتكەن قۇربانلارنى چوڭقۇر قايغۇ ئىلىكىدە ياد ئەتتى. مەزكۇر مەشرەپنىڭ قاتناشچىلىرىدىن بولغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.
ياسىن قارىم يېقىملىق ئاۋازدا خەتمە-قۇرئان قىلغاندىن كېيىن، مەشرەپ جامائىتى نامىدىن بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئابدۇشۈكۈر سامساق بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئىنقىلاب پارتلاشتىن سەل بۇرۇن كۇچادىن كەلگەن قېرىنداشلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرگەن بىر كىچىككىنە ۋەقەنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا ئابدۇشۈكۈر سامساق بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە توختىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شۇ قېتىملىق ئىنقىلابتا جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنى ئەسلىشىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ۋىجدان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.