ئادىل ئابباس: بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن

بۇ يىل، 1990 يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كۆتۈرۈلگەن بارىن قوراللىق قوزغىلىڭىغا 23 يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ خاتىرە كۈن ۋە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى داۋام قىلدى.
كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تورونتو شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇش جەريانىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
بىز مەزكۇر نامايىشنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباسنى بۇ توغرىدا زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى ۋە خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.