گېرمانىيىدە بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

7-ئاپرېل كۈنى مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

د ئۇ ق نىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدىكى قىسقىچە ئىزاھاتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى. ئاندىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى.

مەزكۇر پائالىيەتتە بارىن ئىنقىلابىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتلەردىكى ئەھمىيەتلىرى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى. ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن ھەبىبۇللاھ قارى بارىن ئىنقىلابىغا شەرىئەت نۇقتىسىدىن باھا بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن بارىن شېھىتلىرىنىڭ ۋەتىنى، مىللىتىنىڭ ئازادلىقى يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرىگە زور باھا بەردى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، بارىن ئىنقىلابىنىڭ جەريانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە، مىللىي ئىنقىلابچىلاردىن رەھمەتلىك نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ بارىن ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلدى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقنى غايە قىلغان بىر ئىنقىلاب بولۇشتەك ئالاھىدە ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى.