بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىنىڭ ياققا ئېرىق يېزىسى بازىرىدا خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
بىز بۇ ۋەقەنى دەلىللەش ئۈچۈن، باي ناھىيىسىدىكى يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. خىتاي دائىرىلىرى خەۋەرنى كونترول قىلغان بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر سوئاللىرىمىزغا ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.
ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارىغان 31 ياشلىق ئابلىز ئابلا، 35ياشلىق ئازادەم نۇرى، 28 ياشلىق ئىلھام ئابلا، 42ياشلىق تۇرامەت ئۇبۇلئەھەت، 25ياشلىق مۇھەممەتجان ئابابەكرى قاتارلىق بەش ئۇيغۇر ياشنى جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

ھەمدە ئۇلارنى تۇتۇپ بەرگۇچىلەرگە 300 مىڭ خىتاي پۇلى، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 50 مىڭدىن 200 مىڭغىچە خىتاي پۇلى بېرىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر تارقاتقان.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.
دىلشات رىشىت بۇگۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، بۇ يىلىنى «قاقشاتقۇچ زەربەبېرىش يىلى» قىلىپ بىكىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رايوندىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك باھانىسدە، ئۇيغۇرلارغا ھەددىن ئارتۇق كۇچ قوللانغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز زۈلۇمغا قارشى شىددەتلىك قارشىلىقلىرى مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دىلشات رېشىت خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى ھەمدە ھازىرغا قەدەر كېلىپ چىقىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.