كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق چارە - تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئەسەبىي، ھەجىۋىي ۋە ھاماقەتچە شەكىللەردە داۋاملاشماقتا. بۇ قاراشنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ئايكۆل بازىرىدىكى دېھقانلار ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە كەنت ئىشخانىلىرىغا مەجبۇر توپلىنىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلغان. ھەر قېتىملىق مۇراسىمغا 400 - 500 دېھقان توپلىنىپ، ئارىسىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بايراقنى چىقارسا، قالغانلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ بايراق چىقىرىشنى سۈكۈت ئىچىدە كۆزەتكەن.
بۇ ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى، مۇراسىمغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇ بايراق چىقىرىشنىڭ مەنىسى، مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن.
بۇ ئەھۋالنى ئاقسۇ ئايكۆلدىكى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىۋاتقان ئىككى دېھقاننىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00