تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە بەرگەن زىياپىتىدە 21 - ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 18 - ئىيۇل كۈنى ئەنقەرەدىكى ئىچقەلئە مېھمانخانىسىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ، زىياپەت ئاخىرىدا تۈرك دۈنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئاڭلىتىلدى. ئىپتار زىياپىتىگە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستەچى ۋە كۆپ ساندا پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى، سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى ئۆزتۈركمەن ئەپەندى، كەركۈك تۈركمەنلىرىنىڭ ۋەكىلى ئەمىر قاساپئوغلۇ ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، نوگاي مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سامى نوگاي ئەپەندى، ئەزەربەيجان ۋەكىلى زائۇر بايراملى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئىپتار زىياپىتى ئاخىرىدا تۈرك دۈنياسىنىڭ مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ۋەكىلى ئەلى ئۆزتۈركمەن ئەپەندى سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە، سۈرىيەدە 3 مىليون ئەتراپىدا تۈركمەن بارلىقىنى، ھافىز ئەسات ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە كۆپ ساندا تۈركمەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئوغلۇ بەشەر ئەساتنىڭمۇ ھازىر تۈركمەن يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، كۆپ ساندا بىگۇناھ تۈركمەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تۈركمەنلەرنى يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركمەنلەرنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇش ھەق ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن ئىراق تۈركمەنلىرىگە ۋاكالىتەن ئەمىر قاساپئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ نۇتقىدا ساددام ھۈسەيىن ئىراقنى سورىغان مەزگىللەردە ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھازىر بولسا شىمالىي ئىراقتىكى كۈرتلەرنىڭ كەركۈك ۋە مۇسۇلدىكى تۈركمەنلەرنى يوق قىلىپ، بۇ تۈركمەن شەھەرلىرىنى كۈرت شەھىرىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئارقىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
- شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز 21 - ئەسىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. دۈنيانىڭ قەيىرىدە كىچىككىنە بىر ۋەقە چىقسا باياناتلار ئېلان قىلغان غەرب دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سالماقتا. ئىراقتىكى، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شېھىتلىرىمىز، ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتنى ئاتا قىلغاي. خۇدايىم بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە بۇ زۇلۇملار ئاخىرلىشىپ بۇ قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشىىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
ئەڭ ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:
- مەزلۇم ۋە مەغرۇر تۈرك دۈنياسىنىڭ قىممەتلىك ۋەكىللىرى، بۈگۈن مۇبارەك رامىزان ئېيىدا پارتىيەمىزنىڭ بۇ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت. ئالبانىيەدىكى ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان كەڭرى زېمىننى بىز تۈرك دۈنياسى دەيمىز. تۈرك دۇنياسى بىر ئائىلە. 21 - ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆپى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمىز تېخىچە زۇلۇم ئاستىدا ياشىماقتا. بۇلار سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەر. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇبارەك روزى ئېيىدىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇمغا دۇچار بولماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك.