ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 7-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ھەققىدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماشتا قانداق قانۇنى ئاساسقا تايانغانلىقىنى سوراش تەلەپ قىلىنغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى مەزكۇر يىغىنى 3 ھەپتىدەك داۋاملىشىدۇ. يىغىننىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى 20 دەك خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلات ب د ت غا دوكلات سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي گۇرۇھلارغا مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ئېتىقاد، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئادىل سوتلىنىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات سۇنغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى بىناسىدا يۇقىرىقى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە شۇنداقلا نورمال دىنىي ئېتىقاد بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ چەك-چېگراسىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دولقۇن ئەيسا: «بىر قانچە نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىرىنچى، جازا لاگېرلار مەسىلىسىنى. بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا جازا لاگېرىدىكى ئىنسانلارنىڭ 3 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا ئۆلۈم ئەھۋاللىرىنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتايدىن بۇ لاگېرلارنى ئېچىشتا قانداق قانۇنى ئاساسقا تايانغانلىقىنى سورىشىنى، لاگېرلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىنى نورمال دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ئاشقۇنلۇق، دەپ ئايرىيدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».
دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت، ھەرىكەت ۋە ئالاقە ئەركىنلىكى چەكلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردە زور كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 17-ئىيۇل كۈنى ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا بەزى ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار خىتاي جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى، دىنىي ئېتىقادنىڭ جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقى، ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. لېكىن، د ئۇ ق نىڭ يوللىغان دوكلاتى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلىپ تاشلانغان. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بىز سەيشەنبە كۈنى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ يوللىغان دوكلاتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى سورىدۇق. كومىتېتنىڭ بىر خادىمى دەسلەپ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سوئالىمىزنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلمەيمەن. مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. بەلكى بۇ ئىشنى مايادىن سوراپ باقسىڭىز بولغۇدەك. چۈنكى، سىزنىڭ سوئالىڭىز بەك كونكرېت مەسىلىكەن. مەن تېخى سىزنىڭ سوئالىڭىزنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كومىتېتقا يوللىغان دوكلاتى قانداق بولغاندا ئۆلچەمگە توشىدۇ؟، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. مەن بۇ كومىتېتتىن يۆتكىلىپ چىققىلى 3-4 ھەپتىدەك بولدى. مەن 3-كومىتېتقا تېلېفون قىلىپ سورىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن».
بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 3-كومىتېتىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى. دولقۇن ئەيسا سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىدىكى خادىملار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، مەزكۇر مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىر خادىمى دوكلاتنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئۇنىڭدىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دولقۇن ئەيسا مۇخبىرىمىزغا دوكلاتتىكى ئاتالغۇلاردا مەسىلە بارلىقىنى رەت قىلدى.
دولقۇن ئەيسا: «مەن دېدىم، بۇ نېمىدىن بولدى، دېسەك، بۇنىڭغا كومىتېتنىڭ رەئىسى قارار بەردى. شۇنىڭ قارارى بىلەن بولامدۇ، دېسەم، شۇنىڭكى بىلەن بولىدۇ، دېدى. ئەمما مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن قارارنى شۇ بېرىپ، شۇ چىقىرىۋەتتى. ئىشلەتكەن تىللاردا مەسىلە بار، دەيدۇ. بىز شۇنچىلىك دىققەت قىلدۇق، بۇرۇنقى دوكلاتلىرىمىزدا شەرقىي تۈركىستان، دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن، بىز بۇ قېتىم ئىمكان بار ب د ت نىڭ قائىدىسىگە چۈشمەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدۇق، بىز پۈتۈن ئۆلچەم بىلەن يازغان، ھەر سۆزنى ئىشلەتكەندە تىلغا دىققەت قىلدۇق، دېسەك، لېكىن ھېلىقى مەنبە كۆرسەتكەن يەر بار ئەمەسمۇ، شۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان، دېگەن سۆز بار. شۇنىڭدا دەيدۇ، بىز دېدۇق، ھەقنىڭ يازغان ماقالىسىنى بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز، دېدىم. ئۇ بىر مەسىلە ئەمەس، پەقەت باھانە قىلىۋاتىدۇ. بۇلارغا شۇ خىتاي بېسىم قىلغان گەپ».
سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىدىكى خادىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قانداق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇش ئەھۋالى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى، ئۇيغۇر بالىلىرىغا دىنىي ئىسىملارنى قويۇشنىڭ چەكلىنىشى، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان.
ب د ت خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئاخىرقى قېتىم 2009-يىلى 75-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كۆرۈپ چىقىپ، خىتايغا بەزى تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى بەرگەن ئىدى. ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ 10-ۋە 13-ئاۋغۇست كۈنلىرىدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى يەنە كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. خىتاي تەرەپ ئۆتكەن قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.