21-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا خىتاي ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. مۇنازىرە ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كېڭىشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ 17-نۆۋەتلىك يىغىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دىكى ئورنى ۋە رولىغا دائىر بەزى قارارلارنى مۇنازىرىگە قويغاندا يۈز بەرگەن.
يىغىندا خىتاي ۋەكىلى گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاينىڭ تەلىپىنى پاكىستان، ئىران، كۇبا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى چىققان. ئىسرائىلىيە ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋەكىلى خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھېچقانداق دەلىلسىز ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنىڭ ياردەمچىسى كەللىي كۇرېي خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگەندە قىلىدۇ. ئۇ، خىتاي دولقۇن ئەيسانى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا ھېچقانداق بىر دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈن ناھايىتى كۆڭۈلسىز ۋە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر كۈن بولدى. چۈنكى، بۇ كومىتېتتىكى ئۆزىنى ئىسلامنىڭ ھىمايىچىسى، دەپ قاراۋاتقان بەزى ئەزا دۆلەتلەر بۈگۈن خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىسلام ۋەھىمىسىگە يانتاياق بولدى. بۇ، خىتايدا تۇتامغا چىققۇدەك ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمەي تۇرۇپ تېررورلۇق باھانىسىدە جازالىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغلىشىۋاتقان شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا. مەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ قارارىدىن بىر سۆزنى نەقىل ئالماقچى. ئۇنىڭدا تۇتامغا چىققۇدەك دەلىل تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنىڭ بىر پرىنسىپى».
كەلىي كۇرېي سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دولقۇن ئەيسانى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ئەيىبلەشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كەلىي كۇرېي مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇيەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەخس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئاڭلاپ كەلدۇق. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مەكتۇبىدىمۇ بۇ ئەيىبلەر بار. بىز ئۇلاردىن تۇتامغا چىققۇدەك بىر دەلىل تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. ئامېرىكا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئۇنىڭ گېرمان گىراژدانى ئىكەنلىكى، ئىپادىسى ۋە ھېچقانداق جىنايى خاتىرىسى يوقلۇقىغا قاراپ ئۇنىڭغا 10 يىللىق ۋىزا بەردى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە جاۋابكار بىر تېررورچى بولسا، بۇ زالدىكى ھەرقانداق بىر كىشى بىزنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ سۈرىيە ئالدىنقى سېپىدە دائىش ۋە جىھادى ئاشقۇنلارغا قارشى ئۇرۇشىۋاتقانلىقىغا سەمىمىي ئىشەنمەمدۇ. ئەگەر بۇ شەخس شۇنداق ئادەم بولسا بىزنى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ دۆلەتتە ئۇنىڭ ئەركىن يۈرۈشىگە يول قويىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ بۇ ئادەمنى رەسىمى ئانى تاپقانلىق».
خىتاي ۋەكىلى دۈشەنبە كۈنكى يىغىندا دولقۇن ئەيسانىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتلىتىش، گۆرۈگە ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى تېررورچى دولقۇننى ب د ت نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتناشتۇردى. دولقۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2003-يىلى تېررورچى، دەپ بېكىتىلگەن شەخس. ئۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەشكە ۋە پىلانلاشقا قاتناشقان شۇنداقلا تېررورچىلارنى قۇتقۇزۇش، پۇل بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاشقا ئىشتىراك قىلغان» دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇشىدۇر. خىتاي د ئۇ ق رەھبىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قتانىشىشىغا ئىزچىل كاشىلا پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئۇ دولقۇن ئەيسانىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا ب د ت ئىجتىمائىي -ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىغا يەنە توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يىغىننىڭ ئاخىرىغا قاتناشقان ئىدى.
بىراق كەلىي كۇرېي ب د ت دىكى سۆزىدە بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ نوقۇل «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ۋە بۇ لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ تەرىپلىشىدۇر.
ئۇ سۆزىدە «ۋاشىنگتون پوچتسى گېزىتى»، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى باش ماقالىسى ۋە خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان سابىق مەھبۇسلار ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قالاق، دەپ ئەيىبلەشكە، مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كېچىشكە، ئۇزۇن كىيىم كىيگەنلىكى، ناماز ئوقىغانلىقى، بالىلىرىغا قۇرئاننى ئۆگەتكەنلىكى، بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئىمامغا قويدۇرغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى نۇرغۇن مەلۇماتلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ، يەنى بۇ تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا چاقىرغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلاردا بىرقانچە يۈز مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنى تەربىيەلەۋاتقانلىقى دوكۇمېنتلاشتۇرۇلدى. مانا بۇ بۈگۈنكى مەسىلىنىڭ نېگىزى. بىز نېمە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايلى. بۇ يەردىكى مەسىلە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ب د ت غا قوشۇۋاتقان تۆھپىسى ئەمەس. ب ئۇ يەردىكى مەسىلە خىتايدا ئاۋازى بوغۇلغان بىر خەلقنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان شەخسلەرگە توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇش مەسىلىسىدۇر».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» گە ئەزا ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى ناھەق ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسى بىزگە چېتىشلىق بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ يىغىنلارغا مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ نامىدا قاتنىشىپ كەلگەن. چۈنكى مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بۇ تەشكىلاتلارنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ، دەپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.»
دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ب د ت دا گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، د ب ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت. چۈنكى، ب د ت غا ئەزا 180-190 دەك دۆلەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان خىتايغا ھەمتاۋاق نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. . . . دېمەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان مۇستەبىت دۆلەتلەر ئۆز ئارا ھەمكارلىشىۋېلىپ، تەرەپسىز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلارنى چەكلەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇمۇ شۇنىڭ مىسالىنىڭ بىرى».
ب د ت ئىجتىمائىي -ئىقتىسادى كېڭىشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جۈمە كۈنگىچە مەزكۇر ئورگانغا يازما چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر مەزكۇر كومىتېت جۈمە كۈنى قارار قوبۇل قىلسا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆئۈزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بۇ يىل 7-ئايدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلىدىكەن. بىز سەيشەنبە كۈنى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلات ھازىرچە پىكىرى بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.
0:00 / 0:00